تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى

مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 17-نويابىر تېلېگراممىسى. مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا يىغىنغا قاتنىشىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت- بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي مەكتەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى داۋاملىق تىرىشىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە ھەم تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى.

11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى ئىللىقلىققا تولغانىدى، مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن 600 نەچچە ۋەكىل ئىنتايىن روھلۇق كۆرۈنەتتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلىنەتتى. سائەت 9:30دا شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر بۇ يەرگە كەلدى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە سەمىمىي پاراڭلاشتى، ۋەكىللەر باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى شىركىتى 719-تەتقىقات ئورنىنىڭ 93 ياشلىق پەخرىي باشلىقى خۇاڭ شۈخۇا، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، گۇيجۇ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجۇ رايونى پىڭجېڭ گېلاۋ مىللىي يېزىسى ساۋۋاڭبا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، 82 ياشلىق خۇاڭ دافا ۋەكىللەر ئارىسىدا ئىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار تۈزۈت قىلىپ تۇرۇۋالغاندا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم تەكلىپ قىلدى، ئۇلار ئاخىر باش شۇجىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. مەيداندىكىلەر باش شۇجىنىڭ بۇ ئىككى پېشقەدەم ئەخلاق نەمۇنىچىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ۋەكىللەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان بارلىق يولداشلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى باش شۇجىنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكى يولداشلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى، بۇ تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىنىڭ مەھسۇلى. يېڭى دەۋردە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ئەڭ مۇھىمى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىپ شەرھلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، غايە- ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تىپلار ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگوچە روھ، جۇڭگوچە قىممەت قارىشى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى، ليۇ يەندۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىندا تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، خۇاڭ كۈنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تەقدىرلەنگەن ئىلغارلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىلدى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت-بازار، مەملىكەت بويىچە مەدەنىي ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، 1-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە مەدەنىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئىدىيە-ئەخلاق قورۇلۇشى خىزمىتىدىكى ئىلغارلار ۋەكىللىرى، 6- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى يىغىندا ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.