تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى قانۇنى

  (2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

  59 – نومۇرلۇق

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى قانۇنى›› 2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2016 – يىل 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

  مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتى

  3 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش

  4 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش

  5 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىلمىي تەتقىقاتى

  6 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىش

  7 – باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى

  8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى خەنزۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەت تېبابەت دورىگەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھاياتلىق، ساغلاملىق ۋە كېسەللىككە بولغان تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ، ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىگە ۋە خاس نەزەرىيەگە شۇنىڭدەك تېخنىكا ئۇسۇلىغا ئىگە دورىگەرلىك ئىلمىي سىستېمىسىدۇر.

  3 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرى دۆلىتىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىكى – ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە داۋالاش بىلەن غەربچە داۋالاشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تېببىي دورىگەرلىك – ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى پەن – تېخنىكىنى قوللىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دۆلەت جۇڭگوچە داۋالاش بىلەن غەربچە داۋالاشتا ئۆزئارا ئۆگىنىش، بىر – بىرىنى تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇش، جۇڭگوچە داۋالاش بىلەن غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

  4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  6 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت بايلىقىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ ۋە تەقسىملەپ، پۇقرالارنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىغا ئىئانە – ھەدىيە قىلىشى، ماددىي ياردەم بېرىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

  7 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، كۆلىمىگە باب كېلىدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، كۆپ شەكىلدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدۇ.

  8 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكا يارىتىشقا مەدەت بېرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  9 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە تاشقى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا مەدەت بېرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خەلقئارادا تارقىلىشى ۋە قوللىنىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  10 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىدا گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

  2 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتى

  11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كۆلىمى مۇۋاپىق بولغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى خاسلىققا ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار – يۆلەك بولۇشى كېرەك.

  ھۆكۈمەت قۇرغان جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قوشۇۋېتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشتە، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەسئۇل تارمىقىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

  12 – ماددا ھۆكۈمەت قۇرغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلار، ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە شارائىتى بار مەخسۇس دوختۇرخانىلار، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ۋە يېزا – بازار شىپاخانىلىرىدا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك بۆلۈمى قۇرۇش كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتلىرى ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  13 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

  ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىجازەت ئېلىش، كەسىپكارلىق، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش، تېببىي خادىملارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت قۇرغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  14 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتى قۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى ئۆتەش ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىسى قۇرىدىغانلار شىپاخانىنىڭ نامى، ئادرېسى، داۋالاش دائىرىسى، خادىملارنى سەپلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىسى شۇ شىپاخانىنىڭ داۋالاش دائىرىسى، جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ۋە كەسىپكارلىق دائىرىسىنى شىپاخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئېلان قىلىشى كېرەك، ئەنگە ئالدۇرغان دائىرىدىن ھالقىپ داۋالاش پائالىيىتى قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەسئۇل تارمىقى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقلاپ ئېلان قىلىشىغا يوللايدۇ.

  15 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە، جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ھەمدە كەسىپكارلىقنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلۇق سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ مەزمۇنىدا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو تېبابىتىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن ياكى ئۇزاق يىل شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، تېببىي ماھارەتتە ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقى بارلار كەم دېگەندە ئىككىدىن ئارتۇق جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەسئۇل تارمىقى ئۇيۇشتۇرغان ئەمەلىي ماھارەت ۋە نەتىجە سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ؛ سىناق مەزمۇنى بويىچە كەسىپكارلىقى رويخەتكە ئېلىنغاندىن كېيىن، رويخەتكە ئېلىنغان كەسىپكارلىق دائىرىسىدە ئۆز ئالدىغا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىدا جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى تېخنىكىلىق ئۇسۇل جەھەتتىكى خېيىم – خەتەرگە ئاساسەن، مۇشۇ تارماقتا بەلگىلەنگەن خادىملارنى تۈر بويىچە سىناش چارىسى تەييارلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىشىغا يوللىشى كېرەك.

  16 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا تېببىي خادىم قويۇشتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئاساس قىلىش، ئۇلار ئاساسلىقى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك؛ ئىمتىھان ئارقىلىق دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، تەربىيەلەنگەن، سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كەسىپكارلىق پائالىيىتىدە كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك زامانىۋى پەن – تېخنىكا ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. داۋالاش پائالىيىتىدە زامانىۋى پەن – تېخنىكا ئۇسۇلىنى قوللىنىش جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى ساقلاش، جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش كېرەك.

  مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، يېزىلىق، بازارلىق شىپاخانىلار، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتلىرى شۇنىڭدەك شارائىتى بار كەنت شىپاخانىلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى مۇۋاپىق قويۇشى ھەمدە ئۇلارغا باب كېلىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر تېخنىكىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

  17 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتى قىلىشتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر تېخنىكىلىق ئۇسۇلنى قوللىنىش ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش كېرەك.

  18 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە ئالدىنى ئېلىش، ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى ھەمدە ئۇنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرىگە كىرگۈزۈپ بىر تۇتاش يولغا قويۇشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ تاسادىپىي جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشياسى، ئۈسكۈنىسى، ئەسلىھەسى، تېخنىكىسى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى زاپىسىنى كۆپەيتىشى كېرەك.

  داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى كېسەل مۇداپىئە – كونترول خىزمىتىدە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇلىنى پائال قوللىنىشى كېرەك.

  19 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئېلانلىرىنى بېرىشتە تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك؛ تەستىقلاتماي تۇرۇپ ئېلان قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى تەستىقلانغان مەزمۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

  20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارماقلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشى كېرەك:

  (1) جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن دائىرىدىن ھالقىپ داۋالاش پائالىيىتى قىلغان – قىلمىغانلىقى؛

  (2) جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتى ئاساسىي تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى؛

  (3) جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئېلانلىرىنى بېرىشنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى.

  جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرگەندە ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلسا ياكى توسقۇنلۇق قىلسا بولمايدۇ.

  3 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش

  21 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش، بېقىش، يىغىش، ساقلاش ۋە دەسلەپكى پىششىقلاش تېخنىكا قائىدىسى، ئۆلچىمىنى چىقىرىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

  22 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تېرىش، بېقىشقا ئىلھام بېرىدۇ، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئوغۇت قاتارلىق دېھقانچىلىق سېلىنمىلىرىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق باشقۇرىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش جەريانىدا ئۆتكۈر زەھەرلىك، ئېغىر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.

  23 – ماددا دۆلەت ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى سورتى يېتىشتۈرۈشنى قوللايدۇ، ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىدۇ، جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بار مەھسۇلاتلارنى قوغداش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى قوغداشقا ئىلھام بېرىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ساپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى دېگىنىمىز جۇڭگو تېبابەت كىلىنىكىسىدا ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىپ تاللانغان، مۇئەييەن رايوندىن چىقىدىغان، باشقا رايونلارنىڭ شۇ تۈردىكى جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان، يەنە كېلىپ سۈپىتى تۇراقلىق بولغان، خېلى داڭقى چىققان جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  24 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشكە تەشكىللىشى ۋە ئۇنى كۈچەيتىشى، ئۆلچەش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى سۈپىتىنى ئۆلچەشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى يىغىش، ساقلاش شۇنىڭدەك دەسلەپكى پىششىقلاش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى، ئۆلچىمى ۋە باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىش كېرەك.

  دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئوراش، قاچىلاش، ساقلاش قاتارلىق تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئوبوروتىدا سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

  دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا كىرگۈزگەن مالنى تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۈزۈمى ئورنىتىشى كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى تىجارەتچىلىرى كىرگۈزگەن مالنى تەكشۈرۈش ۋە سېتىۋېلىش – سېتىش خاتىرىسى تۈزۈمى ئورنىتىشى ھەمدە جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ چىققان جايىنى يېزىپ قويۇشى كېرەك.

  25 – ماددا دۆلەت دورىلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى قوغدايدۇ، دورىلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىدۇ ھەم قەرەللىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ، دورىلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقى گېرمپلازما – گېن ئامبىرى قۇرىدۇ، تېرىش، بېقىشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئەتىۋارلىق، نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان دورىلىق ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەتقىقاتنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ.

  26 – ماددا كەنت داۋالاش ئاپپاراتىدا ئىشلەيدىغان جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى بىلىمىگە ئىگە بولغان ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يېزا – كەنت دوختۇرلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە شۇ جايدىن چىقىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆزى تېرىسا، ئۆزى يىغسا ھەمدە دوختۇرلۇق پائالىيىتىدە ئىشلەتسە بولىدۇ.

  27 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى ئەنئەنىۋى قورۇپ ياساش تېخنىكىسى ۋە ھۈنىرىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى ئەنئەنىۋى ھۈنەرنى قوللىنىپ قورۇپ ياساشنى قوللايدۇ، زامانىۋى پەن – تېخنىكىنى قوللىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى قورۇپ ياساش تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  28 – ماددا بازاردا تېپىلمايدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى داۋالاش ئاپپاراتى شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدىكى دوختۇرنىڭ رېتسېپ ئېھتىياجىغا قاراپ، شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدا قورۇپ ياسىسا، ئىشلەتسە بولىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتى جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى قورۇپ ياساشتا باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى، قورۇپ ياسىغان جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى، دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتى جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى قورۇپ ياساشتا، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  كىلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، داۋالاش ئاپپاراتى شۇ داۋالاش ئاپپاراتىدىكى دوختۇرنىڭ رېتسېپىغا ئاساسەن، جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى قايتا پىششىقلىسا بولىدۇ.

  29 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى يېڭى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.دۆلەت ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسى ۋە ھۈنىرىنى قوغدايدۇ، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى قوللايدۇ، زامانىۋى پەن – تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا ئىلھام بېرىدۇ.

  30 – ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەدىمكى زامان كىلاسسىك رېتسېپلىرى مەنبە بولغان، جۇڭگو تېبابىتى مۇرەككەپ رېتسېپلىق دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن دورا تەستىق ھۆججىتى ئىلتىماس قىلغاندا، كىلىنىكىسىز بىخەتەرلىك تەتقىقات ماتېرىيالى بېرىلسىلا بولىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان قەدىمكى زامان كىلاسسىك رېتسېپلىرى دېگىنىمىز ھازىرغىچە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان، داۋالاش ئۈنۈمى بولغان، روشەن ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە قەدىمكى زامان جۇڭگو تېبابىتى كىتابلىرىدا خاتىرىلەنگەن دورا رېتسېپلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

  31 – ماددا دۆلەت داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ كىلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئەنئەنىۋى ھۈنەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى يېڭى دورىلىرىنى تەييارلىشىغا مەدەت بېرىدۇ.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلاشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە داۋالاش ئاپپاراتى دورا ياساش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى ياكى جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلاشنى دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغان دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىغا، داۋالاش ئاپپاراتى دورا ياساش ئىجازەتنامىسى ئالغان باشقا داۋالاش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلاشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزى تەييارلىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولىدۇ؛ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تەييارلاشنى ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچى ۋە ھاۋالە قىلىنغۇچى ئۆزلىرى تەييارلىغان جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنىڭ سۈپىتى جەھەتتە ئايرىم – ئايرىم مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  32 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەييارلىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا قانۇن بويىچە تەييارلاش تەستىق ھۆججىتى ئېلىش كېرەك، لېكىن ئەنئەنىۋى ھۈنەردىنلا پايدىلىنىپ تەييارلىنىدىغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى داۋالاش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كېيىن تەييارلانسا بولىدۇ، تەييارلاش تەستىق ھۆججىتى ئېلىش ھاجەتسىز.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئەنگە ئالدۇرۇلغان جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مەلۇم قىلىشى كېرەك. دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئەنگە ئالدۇرۇلغان جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنىڭ تەييارلىنىشى، ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  4 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش

  33 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مائارىپىدا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كىلاسسىك نەزەرىيەسى ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى كىلىنىكىدا ئىشلىتىشكە، زامانىۋى مائارىپ ئۇسۇلى ۋە ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  34 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەكتەپلىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى مەخسۇس يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيەلەش نىشانى، ئوقۇتۇش مۇددىتى، ئوقۇتۇش شەكلى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش باھاسى ۋە ئىلىم سەۋىيەسىنى باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىقلاردا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئىلمىي ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  35 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ۋارىسلىق مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، مول كىلىنىكا تەجرىبىسى ۋە تېخنىكا ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى كەسپىي پائالىيەتلىرىدە شاگىرت ئېلىپ كەسىپ ئۆگىتىشى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكا ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشى ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

  36 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرى ۋە شەھەر – يېزا ئاساسىي قاتلام جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.

  دۆلەت جۇڭگوچە – غەربچە تېبابەتنى بىرلەشتۈرگەن مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگوچە – غەربچە تېبابەتنى بىرلەشتۈرگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدۇ.

  37 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارماقلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داۋاملىق تەربىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېببىي خادىملار، بولۇپمۇ شەھەر – يېزا ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرىنى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئاساسىي بىلىملىرى ۋە ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىي خادىملىرى بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق تەربىيەگە قاتنىشىشى، ئۇلار ئىشلەيدىغان ئاپپارات ئۇلارنىڭ داۋاملىق تەربىيەنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  5 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى

  ئىلمىي تەتقىقاتى

  38 – ماددا دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ زامانىۋى پەن – تېخنىكا ۋە ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىلمىي تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە – غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇلغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  39 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمىي ئەسەرلەر، مەشھۇر جۇڭگو تېبابىتى دورا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىلمىي ئىدىيەسى ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرى شۇنىڭدەك ئەل ئىچىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىدۇ.

  دۆلەت تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئىلمىي تەتقىقات ۋە كىلىنىكىدا ئىشلىتىش قىممىتى بولغان جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئەسەرلىرى، مەخپىي رېتسېپلار، سىناقتىن ئۆتكەن رېتسېپلار، داۋالاش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  40 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى، باھالاش سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولىدۇ.

  41 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئاساسىي نەزەرىيەسى ۋە دىيالېكتىكىلىق دەلىللەپ داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل، كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەل، سوزۇلما كېسەل، ئېغىر، داۋالاش تەس كېسەل، ئېغىر، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى بىلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى شۇنىڭدەك جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولغان باشقا تۈرلەر جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىدۇ.

  6 – باب جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيىتىنى تارقىتىش

  42 – ماددا مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئىلمىي ۋارىسلىق قىلىش تۈرى ۋە ۋارىس تاللاشقا تەشكىللىشى ھەمدە ۋارىسلىققا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ۋارىسلار ۋارىسلىق پائالىيىتىدە ئىزباسار ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشى، ئالاقىدار ئىلمىي ماتېرىياللارنى يىغىپ رەتلىشى ھەمدە ياخشى ساقلىشى كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىل تۈرلىرى بولسا، ۋارىسلىق پائالىيىتىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  43 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئەنئەنىۋى بىلىملىرىنى قوغداش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، قوغداش تىزىملىكى ۋە قوغداش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئەنئەنىۋى بىلىم ئىگىسى ئىلكىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىدىكى ئەنئەنىۋى بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئىلكىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىدىكى ئەنئەنىۋى بىلىمگە باشقىلار ئېرىشىۋالسا، ئۇنىڭدىن پايدىلانسا، ئەھۋالنى بىلىش، قوشۇلۇش ۋە مەنپەئەتتىن پايدىلىنىش ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولىدۇ.

  دۆلەت مەخپىيىتىگە كىرىدىغانلىقى قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى دورا رېتسېپلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى دۆلەت ئالاھىدە قوغدايدۇ.

  44 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، سالامەتلىك ئاسراش مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ قېلىپلاشقان جۇڭگو تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، سالامەتلىك ئاسراش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تېبابىتى بويىچە كۈتۈنۈش، سالامەتلىك ئاسراش مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

  45 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەدەنىيىتى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.

  46 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ساختا ۋە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشىغا، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، نامۇۋاپىق پايدىغا ئېرىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلار جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك.

  7 – باب كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

  47 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ۋە شارائىت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈشى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى چىقىم قىلىش سىياسىتى، دورا سىياسىتى قاتارلىق تېببىي دورا سەھىيە سىياسىتىنى چىقىرىشتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقىنى قاتناشتۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئەۋزەللىكىگە ئەھمىيەت بېرىشى، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك مۇلازىمىتى قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى قوللىشى كېرەك.

  48 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن باھا باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى ھەق تۈرى ۋە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ تەننەرخىنى ۋە كەسپىي تېخنىكىنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

  49 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، شەرتكە توشىدىغان جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە نۇقتا قىلىنغان داۋالاش ئاپپاراتلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، شەرتكە توشىدىغان جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش تۈرلىرى، جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرى، جۇڭگو تېبابىتى تەييار دورىلىرى ۋە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ چىقىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  50 – ماددا دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۆلچىمى سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، بىرلىككە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولغان تېخنىكىلىق تەلەپلەر ئۈستىدە ئۆلچەم چىقىرىشى ھەمدە ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنىڭ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن چىقىرىدۇ ياكى تۈزىتىدۇ ھەمدە جامائەتنىڭ ھەقسىز كۆرۈشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تور پونكىتىدا ئېلان قىلىدۇ.

  دۆلەت جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  51 – ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە بېكىتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇشتا، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە بېكىتىش تەشكىلاتى قۇرۇش ياكى جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك.

  52 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تېببىي دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش، قوللىنىپ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە يار – يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى ۋە دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت تېببىي دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرىدۇ.

  8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  53 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

  54 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەنگە ئالدۇرغان دائىرىدىن ھالقىپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللانغانلىرىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسىپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىلىرىدىن كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 5 يىل ئىچىدە داۋالاش ئاپپاراتىدا باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن يۇقىرىدا ئېيتىلغان باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىغانلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغانلىرىنىڭ كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسىنى ئەسلىي ئىجازەتنامە بەرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ ياكى ئەسلىي ئەنگە ئالغان تارماق كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

  55 – ماددا سىناق ئارقىلىق دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرغان كەسىپكارلىق دائىرىسىدىن ھالقىپ داۋالاش پائالىيىتى قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى كەسپىي پائالىيىتىنى 6 ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

  56 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى شىپاخانىسى قۇرۇش، جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى قورۇپ ياساش، جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ھاۋالىلىك تەييارلاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ئەنگە ئالدۇرمىغان ياكى ئەنگە ئالدۇرغاندا ساختا ماتېرىيال بەرگەنلەرنى جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مەسئۇل تارمىقى ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنى كەسپىي پائالىيىتىنى توختىتىشقا ياكى جۇڭگو تېبابىتى دورا توغرالمىلىرىنى قورۇپ ياساش، جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ھاۋالىلىك تەييارلاشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى 5 يىل ئىچىدە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدۇ.

  داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى ئەنئەنىۋى ھۈنەردىن پايدىلىنىپ تەييارلاشنى ئەنگە ئالدۇرۇشتا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى جۇڭگو تېبابىتى دورا ياسالمىلىرىنى تەييارلاشتا ئەنگە ئالدۇرغان ماتېرىيالدىكى ئېنىق تەلەپنى قايرىپ قويغانلىرىغا ساختا دورا ئىشلەپچىقارغۇچىلار قاتارىدا جازا بېرىلىدۇ.

  57 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئېلانىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ چىقارغۇچىلاردىن چىقارغان ئېلاننىڭ مەزمۇنى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولمىغانلىرىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئەسلىي تەكشۈرگەن تارماق بىكار قىلىدۇ، بىر يىل ئىچىدە شۇ داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئېلان تەكشۈرتۈش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

  جۇڭگو تېبابىتى داۋالاش ئېلانى چىقارغۇچىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى››دىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  58 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش جەريانىدا ئۆتكۈر زەھەرلىك، ئېغىر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەتكەنلەرگە ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 5 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

  59 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جىسمانىي زىيان ۋە مال – مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  9 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  60 – ماددا جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھەققىدە بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان بولسا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي دوختۇرلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  ئارمىيەنىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئارمىيەنىڭ سەھىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە يولغا قويىدۇ.

  61 – ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلار ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى›› ۋە مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ.

  62 – ماددا ئەمالاردىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىرى ئۆز ئالدىغا ئىش قىلسا ياكى داۋالاش ئاپپاراتىدا ئۇۋۇلاپ داۋالاش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ.

  63 – ماددا بۇ قانۇن 2017 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • 19 ـ قۇرۇلتاي روھى تەشۋىقاتى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قانات يايدۇرۇلدى
  • ياغاچ ئويما رەسىم ئاز سانلىق مىللەت مېيىپ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى
  • پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى