شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سىدنېي، 17-نويابىر تېلېگراممىسى. ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىي سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ مەكتەپ قاتناشقان بىر تۈرلۈك خەلقئارالىق تەتقىقاتتىن ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغاندا قېرىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان چوڭ مېڭە سەقەنقۇرسىمان تەنچىسى يىگىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان.
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مېڭە ساغلاملىقى تۆۋەنلەپ، مېڭە ئاستا-ئاستا يىگىلەشكە باشلايدۇ. سەقەنقۇرسىمان تەنچە بولسا ئىنسانلار ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار مېڭىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ، ئايرىم ھالدا ئوڭ-سول مېڭىگە جايلاشقان، ئاساسلىقى ئۇزاق ۋاقىتلىق ئەسلىمىنى ساقلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە يۆنىلىشىنى بەلگىلەش فۇنكسىيەسىگە ئىگە.
تەتقىقاتچىلار ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنىڭ تەجرىبە ئالدى-كەينىدىكى چوڭ مېڭە سىكاننېر رەسىمىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەرىكەت قىلغاندا ساغلام ئادەمنىڭ سەقەنقۇرسىمان تەنچە ھەجمى ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق گەرچە بىلىش توسالغۇسى بولغان بىمارلارنىڭ ئوڭ مېڭە سەقەنقۇرسىمان تەنچىسى ھەجمىنى ئاشۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن سول مېڭە سەقەنقۇرسىمان تەنچىسى ھەجمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
تەتقىقاتقا قاتناشقان غەربىي سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات خادىمىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەرىكەت قىلغاندا ئادەم بەدىنى مېڭە مەنبەلىك نېرۋىنى ئوزۇقلاندۇرغۇچى فاكتور دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاقسىل ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئاقسىل قېرىشتىن كېلىپ چىققان مېڭە فۇنكسىيەسى چېكىنىشنىڭنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سەقەنقۇرسىمان تەنچە يىگىلەشنى ئاستىلىتىپ، مېڭە ساغلاملىقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئىكەن.