تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى 18 - نويابىر تەكشۈرگىلى بولىدۇ

  مەركىزىي شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى 18- نويابىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12:00دە ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gov.cn)ياكى شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ تورى (http://www.xjedu.gov.cn/)غا كىرىپ نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ -ئىمتىھان تەتقىقاتخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، ئاپتونوم رايون 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى 22-نويابىر ئېلان قىلىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئارزۇنى بېيجىڭ ۋاقتى 22-نويابىر سائەت 10:00دىن 24-نويابىر سائەت 24:00كىچە تولدۇرىدۇ، شۇ چاغدا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىپ «رەسمىي ئارزۇ»نى تولدۇرۇسا بولىدۇ. «رەسمىي ئارزۇ » دەسلەپكى «مۇددىئا ئارزۇ »دىكى ئۆگىنىش قاتلىمى، پەن تۈرى، تىل تۈرى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك، مەكتەپ ياكى كەسپى ئوخشىمىسىمۇ بولىدۇ.

  بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا «رەسمىي ئارزۇ»نى تولدۇرمىغانلارنىڭ «مۇددىئا ئارزۇ»سى «رەسمىي ئارزۇ» قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىن چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 56 مىڭ 83 كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1287 ئادەم كۆپەيدى.

(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى