تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئەر-خوتۇن چىقىشىپ ئۆتۈشتە پىسخىكىلىق بىلىممۇ ئىنتايىن مۇھىم

   ياش ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش بىر قىيىن مەسىلە. بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە زادى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەت بولماستىن، كۆپىنچە ھاللاردا ئىنتايىن ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردۇر. ئىككى تەرەپ پەقەت شۇ ئىشلارنى ھەل قىلىشنى بىلمىگەچكە، مانا مۇشۇنداق بىھۇدە خاپىلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەر-خوتۇن بىر ئاز پىسخىكىلىق بىلىملەرنى بىلسە ئىدى، بۇ ئىشلاردىن ساقلانغىلى بولاتتى.

   مەلۇم بىر فىلىمدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار: يېڭى توي قىلغان بىر جۈپ ياش بازار ئايلانغىلى چىقىدۇ. خوتۇنى ھۆسىن تۈزەش دۇكىنىدا گىرىمنى قىلدۇرۇپ بولۇپ، ئېرىگە زور ئۈمىد بىلەن قارىسا، ئېرى مەنسىتمىگەن ھالدا: «چاڭچىلىكەشتەك بويىۋالغان بىلەنمۇ بار چىرايىڭ شۇ تۇرسا» دەيدۇ. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خوتۇنى ئاممىۋى سورۇندىلا ئېرى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىدۇ ھەم قېيىنئانىسىنىڭكىگە تاماققا بارىدىغان ئىشقا دەخلى يېتىپ، ئويلىمىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

    فىلىمنى كۆرۈپ ئولتۇرغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن مۇشۇ يەرگە كەلگەندە خوتۇنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئېرىگە: «ئەگەر سىز مېنىڭ قېنىق گىرىم قىلىشىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، چوقۇم ماڭا سىلىق ئېيتىڭ جۇمۇ» دەيدۇ. ئېرىمۇ: «سىز ھەرگىز ئايال باش پېرسوناژغا ئوخشاش ئاممىۋى سورۇندا ئۇرۇشۇپ يۈرمەيسىزغۇ دەيمەن» دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ خوتۇنىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پىسخىكا ئۆگەنگەن، ئاياللارنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالىدۇ. پەزىلەتلىك ئاياللار ھەرگىز فىلىمدىكىدەك ئۇنداق ئۇرۇشۇپ يۈرمەيدۇ.

   ئەرلەر يۈز-ئابرويغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا ئۇلار بىلەن سوقۇشسا، غۇرۇرىنى يوقاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. فىلىمدىكى ئايالنىڭ ھەرىكىتى زىددىيەتنى ھەل قىلماقتا يوق، ئەكسىچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتكەنىدى. شۇڭا ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى چۈشىنىشى، قەدىرلىشى، ھالىغا يېتىشى كېرەك. زىددىيەت يۈز بەرگەندە، بىر تەرەپ ئامالنىڭ بارىچە كەڭ قورساق بولۇپ، قارشى تەرەپنى چۈشىنىشى، مەسىلىنى ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئىشنى چوڭايتىۋەتمەسلىكى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشقاندىلا، ئىناق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى