تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل–پاراسىتىم ۋە كۈچ–قۇۋۋىتىمنى بېغىشلايمەن

  تۇرپان شەھەرلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىغا ئاجرىتىلغان كادىر سۈبھىنۇر بەكرى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا: «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ سۆزلەر خۇددى يول كۆرسىتىدىغان نۇرلۇق چىراغقا ئوخشاش، ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان مەندەك بىر كادىرنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ، مېنى مۇشۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

  تۇنجى قېتىم ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغىچە بېرىپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن سىردىشىپ، سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ھەقىقىي ئىگىلىگەنىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ يەنە ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھېس قىلىپ، ئۆز بۇرچۇمنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنىدىم. ئاممىۋى خىزمەت ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلىگەندىلا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى ئاقلىيالايمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭ زېمىنىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزالايمىز.

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دىننى دەستەك قىلىپ، بىر تەرەپتىن، يالغان- ياۋىداق گەپ- سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن ھەدەپ شۇغۇللىنىپ، بىزنىڭ ئەسلىدىنلا تىنچ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى.شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چوقۇم ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، بىز يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقان ئىناق ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قىلچە پۇرسەت بەرمەيمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدا: «ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. مەن دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئوقۇشنى تاماملىدىم، ھازىر مەمۇرلار قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم، ئىزچىل چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدار بولۇپ كەلدىم. پارتىيەنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تۆھپە قوشىمەن. ياشلارنىڭ ساداسى ۋە ھەرىكىتى جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەكتە، ياشلار «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا باشلامچىلاردىن بولۇشى كېرەك. مەن چوقۇم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ رەزىل ئەپت- بەشرىسىنى ئىلىم- پەن ۋە پاكىت ئارقىلىق ئېچىپ تاشلاپ، ئۆزۈمنىڭ ئاكتىپ كۈچى ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، سەزگۈرلۈكۈمنى ساقلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. پاكىت ئىسپاتلىدىكى، ھەرقانداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى بويلاپ ئىلگىرىلىسەكلا، بۇ بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز.

  ھازىر جەمئىيىتىمىزدە «بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلارنىڭ ئۆيى بولۇش، ئاجىزلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغان بولۇش» ئەمەلگە ئاشتى، بۇلار ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، بۇمۇ دەل پارتىيەمىزنىڭ باشتىن- ئاخىر ئېغىشماي كېلىۋاتقان كۈرەش نىشانى. بۇرچ تۇيغۇسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەلبىدىن ئىزچىل ئورۇن ئېلىپ، كۆپچىلىكنى يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بەختلىك كەلگۈسىگە يېتەكلىمەكتە. بىز بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا جان كۆيدۈرۈپ، ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچ- قۇۋۋىتىمىزنى بېغىشلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشاننى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۈشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى