ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاشقانغا ئوخشىمىغان مىقداردا تۇز يېگۈزۈلگەندە چاشقاننىڭ يېتىلىشى تەسىرىگە ئۇچرىغان. تۇز يېتىلىشتە زۆرۈر بولسىمۇ، زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە جانلىقلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن، يەنى بالىلاردا بالاغەتكە كېچىكىپرەك يېتىدىكەن، كۆپىيىش ئىقتىدارى ئاجىزلايدىكەن. ياغ مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىشنى تېزلىتىدىكەن، بىراق ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەر زىيادە تۇزلۇق بولۇپ كەتسىمۇ، بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىشىگە ئوخشاشلا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
تۇزلۇق تاماقنى كۆپ يېگەن بالىلار بالاغەتكە كېچىكىپرەك يېتىدۇ
مۇھەررىر:
زۇلخۇمار ئوسمان
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2017/11/17 17:00
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.