تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

2018 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 32 كوماندا ئېنىق بولدى

  بېيجىڭ كۈندىلىك گېزىتى خەۋىرى: 16-نويابىر چۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە پېرۇ كوماندىسى 0 گە قارشى 2 نەتىجىدە يېڭى زېلاندىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا ئوڭۇشلۇق كىردى. شۇنىڭ بىلەن 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 32 كوماندا ئېنىق بولدى.

  2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار تۆۋەندىكىچە:

  ياۋروپا رايونىدىن: فىرانسىيە كوماندىسى، پورتۇگالىيە كوماندىسى، گېرمانىيە كوماندىسى، سېربىيە كوماندىسى، پولشا كوماندىسى، ئېنگلاند كوماندىسى، ئىسپانىيە كوماندىسى، بېلگىيە كوماندىسى، ئىسلاندىيە كوماندىسى، شىۋېيتسارىيە كوماندىسى، كىرودىيە كوماندىسى، دانىيە كوماندىسى، شىۋېتسىيە كوماندىسى؛ 

  جەنۇبىي ئامېرىكا رايونىدىن: بىرازىلىيە كوماندىسى، ئۇرۇگۋاي كوماندىسى، ئارگېنتىنا كوماندىسى، كولۇمبىيە كوماندىسى، پېرۇ كوماندىسى؛

  ئاسىيا رايونىدىن: ئىران كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى، ئاۋسترالىيە كوماندىسى؛

  ئافرىقا رايونىدىن: تۇنىس كوماندىسى، نېگىرىيە كوماندىسى، ماراكەش كوماندىسى، سېنېگال كوماندىسى، مىسىر كوماندىسى؛

  ئوتتۇرا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە كارىب رايونىدىن: مېكسىكا كوماندىسى، كوستارىكا كوماندىسى، پاناما كوماندىسى؛

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى