چىرا ناھىيەسىدىكى باشقا جايدا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىناق رايونى. سىناق رايونىغا سەپلەنگەن قوتان، تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىسادىي ئورمان قاتارلىقلار نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. (2-نويابىر فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ بىپايان كەڭ زېمىنىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سىگنالى ياڭرىدى، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەشتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، سىستېمىلىق بەرپا قىلىشتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشكىچە پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئۈنۈمسىز قۇملۇق، ئېگىزلىككە جەڭ ئېلان قىلدى، ھازىرغىچە 1 مىليون 390 مىڭ نامرات نوپۇس، 1286 نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسى قىىلبويى يېزىسىدىكى گۇاڭدۇڭ ياردەم قىلىپ قۇرغان «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرى (5-نويابىر فوتوسى)
قاغىلىق ناھىيەسى شاخاپ يېزىسى يۈكسەل دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باغۋەن ياڭاق ئايرىماقتا. (3-نويابىر فوتوسى)
شىنجاڭ چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى ياربويى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابلىز ئالىم «يورۇقلۇق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش» ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارىنى كۆرمەكتە. (1-نويابىر فوتوسى)