تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

«بىرۇكلىن خانقىزى»نىڭ خىزمىتى ھەممىنى تاڭ قالدۇردى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: « نيۇيورك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇ يوركتىكى 23 ياشلىق نىكول دوز ئىسىملىك قىز يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن« بىرۇكلىن خانقىزى» ۋە «سسىتاتېن ئارىلى گۈزىلى»نى تاللاش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ،  «بىرۇكلىن خانقىزى»  نى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن.

نىكول يېقىندا كولۇمبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى  قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغىنى مېنىڭ خىزمىتىمدۇر. مېنىڭ خىزمىتىم نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ تازلىق ئىشچىسى ئىكەنلىكىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.

 بۇ 23 ياشلىق گۈزەل قىزنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا تازلىق ئىشچىسى بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەنىكەن. چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى ۋە تاغسى نيۇيوركتا تازلىق ئىشچىسى بولغان بولۇپ، بۇ نىكولدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىكەن.

  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قارىماققا بۇ خىزمەت جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىزمەتكە ئېرىشىش ناھايىتى تەس ئىكەن. چۈنكى بۇ خىزمەتكە قويۇلىدىغان تېخنىكىلىق تەلەپ بەك يۇقىرى، مائاشى ياخشى ئىكەن. مۇشۇ خىزمەتكە قاتناشقىلى 5 يىلدىن ئاشقانلارنىڭ يىللىق مائاشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 660 مىڭ يۈەن) دىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ياشلار قوغلىشىدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى