كونا كۆڭلەكنىڭ يەڭ، ياقا، قالغان قىسمىدىن پايدىلىنىپمۇ ئاجايىپ نەرسىلەرنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. مەسىلەن، كوپتىنىڭ ئىككى يېڭىدىن ئىشتان، قالغان قىسىمدىن يەڭسىز كوپتا ياكى كۆڭلەك، ھەتتا قىسقا يوپكا، ياقىسىدىن بوۋاق بالىلارنىڭ شالدامىسى، ئىشلەتكلى بولمايدىغان ياقىدىن يانفون سالغۇچ ياكى كىچىك سومكا ياسىغىلى بولىدۇ.
بۈگۈن ھۇزۇرۇڭلارغا كۆڭلەكتىن پايدىلىنىپ ياسالغان بىر قىسىم بۇيۇملارنى سۇندۇق، ئازراقلا تىرىشسىڭىز بۇلارنى سىزمۇ قىلالايسىز.