بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئامازون دەرياسى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA) نىڭ تور بەت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا ئالەم بوشلۇق پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى مارك يېقىندا ئامازون دەرياسىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتىنى ئېلان قىلغان.
سۈرەتتىكى يەرشارى تولىمۇ گۈزەل بولۇپ،كۈن نۇرى ھەيۋەتلىك ئامازون دەرياسى يۈزىدە چاقنايتتى.
60 يىل ئىلگىرى، ئالىملار بوشلۇقتىن يەرشارى يۈزىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئاتموسفېرادىكى چاڭ - توزان ۋە دانچە ماددىلار نۇر قايتۇرغاچقا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقنى توسىۋالىدىكەن. لېكىن بۇ قاراش كېيىن ئاغدۇرۋېتىلدى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالاھىدە ياسالغان فوتوكامېرادا يەر شارىنى سۈرەتكە ئېلىپ، بىز ياشاۋاتقان بۇ ماكاننىڭ گۈزەل ۋە مۇرەككەپلىكىنى نامايان قىلدى ھەمدە ئالەم تەتقىقاتىغا ياردەم بېرىشنى يولىنى ئاچتى .