تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹19–قۇرۇلتاينىڭ روھى بىزگە ناھايىتى يېقىن››

  ـــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى قوزغاپ، كۆپ خىل شەكىلدە تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئەستايىدىل سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى.

  ئۈرۈمچى: تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامنى قاپلىدى

  ‹‹19 – قۇرۇلتاي ــ كۆرسەتكۈچ، ئۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەچكە، ھەر مىللەت پۇقرالىرى تولىمۇ شاتلىنىپ كەتتى...››. 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ‹‹ئەمگەك›› كوچىسىدىكى كەررىفور تاللا بازىرىدىن ئۈزۈلمەي چاۋاك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراۋاتتى، كوللېكتىپ ئورۇنلىغان ‹‹19 – قۇرۇلتاينىڭ روھى نۇر چاچتى›› ناملىق كۈلدۈرگە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلدى. ئويۇننى كۆرگەن شەھەر ئاھالىلىرى 19 – قۇرۇلتاي روھىنىڭ بىزگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، دەپ بەس – بەستە ماختىدى. كۈلدۈرگە ئارتىسى يۈ خەيبو: بىز بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.

  بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتى كەينى – كەينىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيە، ئورۇنلاردا قانات يايدۇرۇلدى. تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاددىي، جانلىق، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب تىلدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا كۆپ قېتىم چۈشىنىشلىك دوكلات بەردى.

  تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى دىلنۇر ئابدۇكېرىم ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە تۇنجى قېتىم مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەرگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۇيغۇرچە تەشۋىق قىلدى.

  خەلقئارا چوڭ بازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئايتۇرسۇن ئۆمەر: تەشۋىقاتنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، سۆزلىرى چۈشىنىشلىك، ئاممىباب بولدى. بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىناق كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرىمىز، دېدى.

  ئىلى ئوبلاستى: تەشۋىقات روھنى ئۇرغۇتتى، ئاممىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى

  ئىلى ئوبلاستى 11 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن باشلاپ ئوبلاست رەھبىرىدىن ئالتە كىشى، سەككىز تارماقنىڭ رەھبىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى››نى ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا – بازار، مەيدانلارغا ئەۋەتىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە يۈزتۇرا، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا تارقىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى.

  ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرمۇ تەشۋىقات ئەترەتلىرىنى قۇردى، غۇلجا شەھىرى سىياسىي ساپاسى كۈچلۈك، سىياسىي سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان توققۇز نەزەرىيە خىزمەتچىسىنى تاللاپ، شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى يېزا – بازار، مەيدان، كوچا باشقارمىسى ۋە شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ، شەھەر دەرىجىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش تەشۋىقاتىدىن 74 مەيدان ئۇيۇشتۇردى؛ غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا – بازار، مەيدان، كوچا باشقارمىلىرى 21 ئالاھىدە تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت (مەھەللە)، ليەندۈيلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىقاتنى قانات يايدۇردى؛ كۈيتۈن شەھىرى ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› بويىچە ئاساسىي قاتلام سەييارە تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 11 – ئاينىڭ 14 – كۈنىگىچە پائالىيەت توققۇز مەيدان ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىلى ئوبلاستىدىكى جايلار كەنت، ئەترەت تەشۋىقات تاختىسى، رادىيو، كاناي، LED ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانى قاتارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئىلى ئوبلاستى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە 496 مەيدان تۈرلۈك شەكىلدىكى چوڭ تىپتىكى تەشۋىق قىلىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، 800دىن ئارتۇق تەشۋىق قىلىش ئەترىتى تەشكىللىگەن، بىۋاسىتە ئاڭلىغۇچىلار 230 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ئاڭلىغان، كۆرگەنلەر 800 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتكەن.

  قەشقەر: ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك تەشۋىقات ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلامچى بولۇپ تەشكىللىگەن ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك تەشۋىقات ئۆمىكى›› پۈتۈن ۋىلايەتتە تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى. ھازىرغىچە 207 مەيدان ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرلىك تەشۋىقات قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاڭلىغان ئامما 142 مىڭ 5 ئادەم (قېتىم)گە يەتتى؛ ناھىيە، شەھەردىكى ئۈچ دەرىجىلىك تەشۋىقاتچىلار قانات يايدۇرغان مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىقات 1012 مەيدان ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، بۇنى ئاڭلىغان ئامما 175 مىڭ 401 ئادەم (قېتىم)گە قېتىمغا يەتتى.

  11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاققاش يېزىسى ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› مەخسۇس تېمىسىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشنى دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىشتىكى ‹‹ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش›› بىلەن بىرلەشتۈردى، ھەر مىللەتتىن بولغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئاددىي سۆزلىرى ئارقىلىق سەرخىل تەشۋىقاتنى قوللىدى.

  ھازىر قەشقەر ۋىلايىتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات ئۆمىكى، پارتىيەلىك كادىرلار، تايانچ تەشۋىقاتچى قاتارلىقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى (ئەسلىي تېكىستى)نى كونسۇلتاتسىيە قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەل قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈردى.

  (مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ بىڭ، قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېنبو)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA دا چېمپىيون بولدى
  • ئۈرۈمچىدىكى بالىلار دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
  • پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا داغدام قەدەم ئېلىپ ماڭماقتا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى