ئادەم زۇكامداپ قالغاندا بۇرۇن قىچىشمايدۇ، ئۇزاققىچە پۈتۈپ قالىدۇ، مانا بۇ زۇكامنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالامىتى، رېئاكسىيە مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغى ئاغرىقلىرىدا بۇرۇن بوشلۇقى قىچىشقاندەك سەزگۈ بولىدۇ، بۇرنى يىنىك قىچىشىدىغانلاردا بۇرۇننىڭ ئىچىدە چۈمۈلە ماڭغاندەك سەزگۈ پەيدا بولىدۇ،بۇرنى قاتتىق قىچىشىدىغانلارنىڭ كۆز، بۇرۇن ۋە گېلىمۇ قىچىشىپ، پۇراش سىزىمى ئاجىزلايدۇ.
زۇكامداپ قالغانلار كۆپ چۈشكۈرمەيدۇ، رېئاكسىيە مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغى ئاغرىقلىرى ئۇدا چۈشكۈرىدۇ، بەزىلەر بىر كۈندە 30 نەچچە قېتىم چۈشكۈرۈشى مۇمكىن.
بۇرۇن ئېقىش زۇكامنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا بولىدۇ، ئەمما بەك كۆپ بولمايدۇ، رېئاكسىيە مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ ئەكىسچە بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، زۇكام بولغانلاردا بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇل تېلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، رېئاكسىيە مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغى قوزغالغاندا، ئۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ.
«ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى»دىن