تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ ماڭىمەن

  يوپۇغا ناھىيەسى سىيەك يېزىسى بۆلىمە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ياسىن ئوبۇل

مېنىڭ ئىسىم ياسىن ئوبۇل، يوپۇغا ناھىيەسى سىيەك يېزىسى بۆلىمە كەنتىنىڭ ئاھالىسى، 2012- يىلى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھازىر بۇ كارخانىنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئىشقار كەسپىي بۆلۈمى ئېلېكتىرولىزلاش ئۇچاستىكىسى تۇز سۈيى ئىش ئورنىدا ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولدۇم. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق، دېيىلدى، بۇ بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىنتايىن تەلپۈنگەن خۇش خەۋەر.

  مەن يوپۇغا ناھىيەسىدىن، ئاتا- ئانام 80 ياشتىن ئاشتى. مەن ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ياخشى سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە خىزمەتكە ئېرىشتىم ھەم ئايدا 5000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايدىغان بولدۇم، مەن مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى كىرىمىم ئارقىلىق يېڭى ئۆي سېلىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۇرۇپلا قالماي، يەنە سىڭلىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھەققى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ، ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتىم، ئاتا- ئانام بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم مېنىڭ خىزمىتىمگە ھەۋەس قىلىشىپ، بىزنىڭ ئىدارىگە كېلىپ ئىشلەشكە بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سوراشتى.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدا، ئاتا- ئانام مېنىڭ ئوقۇش ھەققىم ۋە تۇرمۇش خىراجىتىمنى كۆتۈرەلمەي، ئامالسىز ئوقۇشتىن توختاپ قالماقچى بولغىنىمدا، ھۆكۈمەت مېنىڭ ئوقۇش ھەققىمنى كەچۈرۈم قىلغان ھەم ماڭا تۇرمۇش خىراجىتى بەرگەنىدى، بۇ ياخشى سىياسەتنى مەن مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن، مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىز ھەر مىللەت ئاممىغا كۆيۈنگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، جەزمەن دۆلەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن.

  مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يەنە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۈرۈمچى خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىدا ھەقسىز ئوقۇپ، خىمىيە سانائىتى كەسپىي بىلىملىرىنى ئۆگەندىم. ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغاندا، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كارخانىلار مەكتەپكە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا كەلدى، مەن قىلچە ئىككىلەنمەي تىزىملىتىپ، شەرقىي جۇڭغار سانائەت رايونىغا كەلدىم. ئۆيدىن يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە قايتىش پۇرسىتى ئاز بولغاچقا، ئاتا- ئانام بۇ يەردىكى خىزمىتىم ۋە تۇرمۇشۇمدىن ئەنسىرىدى. مەن ئۇلارغا بۇ يەردە ياخشى تۇرغانلىقىمنى، شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە ماڭا ئىشەنگەنلىكى، كەسىپداشلىرىم بىلەن ئىنتايىن ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى ئېيتتىم. مەن ھەر يىلى يەنە شىركەتنىڭ نامراتلارغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىم، شىركەت رەھبەرلىرى ھەر ھەپتىدە ياتاقلىرىمىزغا كېلىپ، بىز ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلاردىن ھال سورايدۇ، بىزنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەھۋالىمىزنى سۈرۈشتۈرىدۇ، بىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەنمۇ شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مەخسۇس كۇرس دىپلومىنى ئالدىم.

  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاكام ماڭا ھاياجانلانغان ھالدا تېلېفون قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن تەسىرلەنگەنلىكى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ھازىر ئاكام دۆلەتنىڭ ياردىمىدە ئۆي سالدى، بۇ يىل تىراكتور سېتىۋالغاندا، دۆلەت يەنە 15 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بەردى. ھازىر كەنتىمىزدە يېزىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ۋە داۋالىنىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە قانائەتچان، مىننەتدار بولۇشنى بىلىپ، بىزنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، مۇقىم ۋەزىيەتنى قوغداشنى ئېيتتىم. شىنجاڭ مۇقىم بولمايدىكەن، تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بولمايدۇ، ھەر مىللەت ئاممىمۇ خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن قەتئىي چەك- چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى