تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى«قار ياغقاندا سىزگە ياردەم قىلاي» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە باخۇلياڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خىزمەتچىسى 16-نويابىر سائەت 11:22 ئۆتكەندە تىيانشان رايونى يەنئەن يولىدا يولدىن ئۆتۈۋاتقان ياشانغانلار ۋە بالىلارغا كۈنلۈك تۇتۇپ، ئۇلارنى يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى.

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 16-نويابىر ئۈرۈمچىدە قار ياغدى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان دەل-دەرەخلەر تۇنجى قېتىم قار بىلەن قاپلاندى. شەھەر رايونىدا يىغىندى قار مىقدارى سائەت 16:00 گىچە 4.8  مىللىلىمىتىر بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0.7ـ سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە ئىتتىپاق يولى بۆلەك رايونىنىڭ باخۇلياڭ مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە باخۇلياڭ مەھەللە كومىتېتى  پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن «قار ياغقاندا سىزگە ياردەم قىلاي» تېمىسىدا پائالىيەت قانات يايدۇردى، خىزمەتچى خادىملار ۋە پىدائىيلار كوچىلارغا چىقىپ، پىيادىلەرگە قىزغىن ياردەم بەردى.

(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى