تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ۋېستمىد بالىلار دوختۇرخانىسى بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلدى

15-نويابىر، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى ۋېستمىد بالىلار دوختۇرخانىسىدا ھەيياردەك ياسىنىۋالغان دوختۇر بوۋاق بىلەن ئويناشماقتا.

    ۋېستمىدبالىلار دوختۇرخانىسى سىدنېي شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى ۋالېس ئىشتاتىدىكى ئەڭ چوڭ بالىلار كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىلغار داۋالاش ئۇسۇلىدىن سىرت، بۇ دوختۇرخانىنىڭ «ئائىلە ۋە كېسەل بالىلارنى مەركەز قىلىش»تەك داۋالاش مۇھىتى تەرىپلەشكە ئەڭ ئەرزىيدۇ. بۇ يەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە سەنئەت ھىدى بىلەن تولغان ھەيكەللەر ۋە بالىلار قىزىقىدىغان رەسىملەر بولغاندىن سىرت، بۇ يەردە يەنە ئازادە كۆڭۈل ئېچىش بوشلۇقى ۋە 35 خىل ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى گۈللۈك بار. پىدائىيلارنىڭ ياردىمىدە بالىلار دوختۇرخانىسى كىچىك بىمارلارغا نۇرغۇن قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: ھەييار دوختۇر، ئىت پىدائىيلىرى، سىرلىق مېھمان قاتارلىقلار ئاغرىق ئازابىدا قىينىلىۋاتقان بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ. (بەي شۆفېي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى