تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولدى

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز يۈسۈپ ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق ئورگان خىزمىتى كومىتېتى، بۇلۇڭتوغراق يېزىسى بۇلۇڭتۇغراق كەنتىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار يېقىندا بۇلۇڭتوغراق يېزىسىنىڭ بۇلۇڭتوغراق كەنتىدىكى ياڭ لەننىڭ كېۋەزلىكىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا پاختا تېرىشىپ بەردى.

  بۇلۇڭتوغراق كەنتىدىكى 43 ياشلىق ياڭ لەن 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنالمايتتى. شۇڭا ئۇ پاختا تېرىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ئېۋىرغول رايونلۇق ئورگان خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە بۇلۇڭتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار دەرھال ئالاقىدار ئورۇنلارغا دوكلات قىلىپ، ئورگان خىزمىتى كومىتېتىدىكى كادىرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ياڭ لەننىڭ 12 مو كېۋەزلىكىدىكى پاختىسىنى يىغىۋېلىشىغا ياردەملەشتى.

  بۇلۇڭتوغراق كەنتىنىڭ 5 – گۇرۇپپىسىدىكى ما ۋېيپىڭ كىچىكىدە بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئىككى پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغانىدى، ئانىسى پۇل يىغىپ ئۇنىڭغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى دۇكىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئېۋىرغول رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا 2000 يۈەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ بەردى.

  ما ۋېيپىڭنىڭ ئانىسى ما يۈجېن مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دائىم كېلىپ ئەھۋالىمىزنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، بىز خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە تۇرۇبا ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پاكىز سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېن باۋخۇا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىمىز 2 – ئايدا كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئەرزىيەت خىزمىتى، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە تىرىشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئامما ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى