تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللارنىڭ كۆز ئاسىراشتىكى گۆھىرى-ئالقات

  ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان %75 خىزمەتچى ئاياللاردا كۆز چارچاش، كۆز ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر داۋاملىق كۆرۈلىدۇ. ئالقات بولسا  مۇشۇ ئالامەتلەرگە شىپا قىلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئىستېمال قىلىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق، ئالقاتنى سۇغا چىلاپ سۈيىنى ئىچسىمۇ ياكى يېمەكلىك قاتارىدا يېسىمۇ بولىدۇ. ئالقات تەركىبىدىكى كۆممىقوناق فلاۋىنى كۆرۈش تور پەردىسىدە يىغىلىپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ غىدىقلىشىنى ئازايتىپ، كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى قوغدايدۇ. ئالقاتنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمى دەل تەركىبىدىكى كۆممىقوناق فلاۋىنىدىن كەلگەن بولۇپ،بۇنى ئادەم بەدىنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، چوقۇم مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلاردىن قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئالقات چېيى
  مۇۋاپىق مىقداردىكى ئالقاتنى قايناۋاتقان سۇغا دەملەپ ئىچىپ بېرىش. ئالقاتنىڭ جىگەرنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تەركىبىدە مول كاروتىن، ۋىتامىن B1، ۋېتامېن B2، ۋىتامىن C ۋە كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىقلار بار ھەم كۆزنى ئاسراشتىكى ئېسىل گۆھەر.
ئالقات جۇخارگۈل چېيى

  مۇۋاپىق مىقداردىكى ئالقات، جۇخارگۈلىنى قايناۋاتقان سۇغا دەملەپ ئىچىپ بېرىش. بۇ خىل چاي كۆزنى ئاسىراشتىن سىرت، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولغان كۆز قۇرغاقلىشىش بىمارلىرىغا ماس كېلىدۇ.

ئالقات شورپىسى

 پىچەكگۈل(山药) شورپىسى تەييارلاپ، ئۈستىگە ئازراق ئالقات سېلىۋىتىپ بىللە ئىستېمال قىلسا كۆز ئاسراشتىن سىرت يەنە بەدەننى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى