كۆپ گەپ قىلىش بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ئەمما ئۇنى سالامەتلىكنىڭ ئېسىل دورىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئەنگىلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق يەكۈن چىقتى: «گېپى كۆپ ئادەمنىڭ يۈرىكى ئىنتايىن ياخشى بولىدىكەن».
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دىيىشتى: «بويتاق كىشىلەرگە قارىغاندا، توي قىلغان يۈرەك كېسىلى ئاغرىقىنىڭ سىجىل ياشاش نىسبىتى %14يۇقىرى بولىدىكەن؛ جورىسى ياكى ھەمراھى يوق يالغۇزلارنىڭ روھىي بېسىمى ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچلۈك بولىدىكەن؛ بۇ نۇقتىدىن چىققاندا، ئانىدا گەپنى كۆپ قىلىدىغان ئادەت بولسا، بۇنىڭ پايدىسى پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىغا يېتىشى مۇمكىن».