تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەن شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى چۆرېن يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئايگۈل شارىپقان

  مەن مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ جايدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، مورى ناھىيەسىدە خىزمەتكە قاتناشتىم. مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان ئىش شۇكى، 1997- يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «گامياۋ» بالىلار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ئويۇن قويۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم، بىز ئورۇنلىغان ئۇسسۇل مەملىكەت بويىچە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە، ئۆمىكىمىزدىكى ھەرمىللەت كىچىك دوستلار بىر- بىرىمىزنى قۇچاقلىشىپ تەنتەنە قىلىشقانىدۇق، بۇ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىرەيلەننىڭ ئەجرىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب ئىدى. ئەينى چاغدا بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل شىنجاڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلانغانىدۇق.

  مەن 2004- يىلى بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، بىزنىڭ سىنىپتا شىزاڭ، يۈننەن قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىن كەلگەن 41 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ساۋاقداشلار ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ تاكى مەكتەپ پۈتكۈزگىچە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئارىلىشىپ ئۆتتۇق. ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش شۇكى، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشمەيتتۇق، سانىمىز ئانچە كۆپ بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار تېخى مەكتەپتە «ئەتىۋارلىنىدىغانلار» ئىدۇق. ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىلى مەن ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە «بۈركۈت چۈجىسى» ناملىق ئۇسسۇلنى سەييارە ئورۇنلىدۇق، ھەر قېتىم ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان چاغدا ھەممەيلەن چەكسىز ھاياجانلىناتتۇق.

  مەن بۈگۈنكى كۈندە ئاساسىي قاتلامدىكى يېزىدا ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلغان چېغىمدا، ھېس قىلغانلىرىم تېخىمۇ مول، تېخىمۇ چىن بولدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىرايىدا جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇم كۈلكىسىدىن ھازىرقى ئاساسىي قاتلامدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدىم: ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىلى ياخشىلاندى، بۇ خىل ئۆزگىرىش مېنىڭ يېزىدا تېخىمۇ خاتىرجەم تىرىشىپ ئىشلەپ، كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدى، ئىلگىرى كەنتنىڭ ئىشلىرىغا پىكرى بولغان بىرەيلەن مېنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، ئالايىتەن مەن بىلەن كۆرۈشتى، ئۇ ھەربىر سۆزىدە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تەرىپلەشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

  ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى مېڭىش ئالدىدا مەن بىلەن خوشلاشقىلى كېلەتتى، ئۇلارنى ھەر قېتىم كۆرگەن چېغىمدا ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ھالىتىم كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش شارائىتى پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى. ھەر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى شۇنچە قىممەتلىك، ھەرقېتىملىق نەتىجە شۇنچە خۇشاللىنارلىق ۋە شېرىن ئىدى، ئىشىنىمەنكى، ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ھىمايىسىدە ئەتراپىمىزدا تېخىمۇ كۆپ جاسارەتلىك ھەم مەردانە «يىگىتلەر» ۋە ئۇز چىراي «گۈللەر» بارلىققا كەلگۈسى.

  مۇشۇ پەيتتە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق باغرىدا ئەتراپىمىزدا ھەر كۈنى بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلماقتىمىز، ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئاتا- ئانىسىنىڭ باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئۆي- ئوچاقلىق بولۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مېنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلغان، ماڭا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلغان، ماڭا مەدەت بەرگەن بۇ مۇنبەت تۇپراقنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە يۇرت- ماكانىمىزنى گۈزەل ۋە بەختلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن بوشاشماي تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى