تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا قەتئىي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئەركىن تۇنىياز

مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقان، تەشۋىق قىلىۋاتقان، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان مۇھىم پەيتتە، پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم تېخىمۇ قەتئىي سىياسىي مەيدان، تېخىمۇ جۇشقۇن خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كونكرېت ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كوممۇنىزملىق غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىمەن. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىمەن. بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن. كومپارتىيەگە ئەزا بولغىنىمغا 20 يىلدىن ئاشقان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر ۋاقىت ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن؛ پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، بايرىقىم روشەن، پوزىتسىيەم قەتئىي ھالدا سىياسىي مەيدانىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەمنى يەنىمۇ چىڭىتىمەن؛ مۇشۇ جايدا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ جايدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گۈزەل يۇرتۇمنى مەڭگۈ قوغدايمەن، ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەر قانداق نام بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن. يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش ياخشى كادىر بولۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن ھەم كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەڭگۈ سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم بولىمەن. مەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا- ئانام كىچىكىمىزدىنلا بىزگە پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش، ياخشى ئوقۇپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، مەن پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردى ھەم ئالاھىدە مەدەت بەردى، كۆيۈندى، كۆڭۈل بۆلدى. ۋىجدانلىق، ئاق- قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان، ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار ھەر قانداق كىشى چىن كۆڭلىدىن پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇشى كېرەك. كومپارتىيە ئەزاسى بولغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. مەن «تۆت ئاڭ»نى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى مەڭگۈ ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى، دۆلەتنى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ خائىنلىق قىلمايمەن.

  باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى، مۇقىملىق بولمىسا ھېچنەرسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىز جەزمەن باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئارتۇقچىلىقىمنى جەزمەن جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن. شىنجاڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ ئائىلە، ھەر مىللەت خەلق قان- قېرىنداش. مەن كىچىكىمدىن ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئوقۇپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە ياشاپ كەلدىم، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، سېنىڭ، مېنىڭ دېيىشمەي ئىناق ئۆتتۈم. دۈشمەن كۈچلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى، بىز ئىتتىپاقلىقنى شۇنچە كۈچەيتىشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەت، دىن سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئائىلەمدىكىلەر، دوست- بۇرادەرلىرىم، ساۋاقداشلىرىم ۋە خىزمەتداشلىرىمنى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى