تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئېغىز پۇراشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى

   ناشتا قىلماسلىق ئېغىز پۇراشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولسا كېرەك، چۈنكى شۆلگەينىڭ ئېغىز بوشلىقىنى تازىلاش رولى بار، ئەمما بىر كېچە ئۇخلىغان ئادەمنىڭ شۆلگىيى ئازىيىپ كېتىدۇ، بىراق ناشتا قىلسا بەدەننىڭ شۆلگەي ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
     ھەرىكەت چەكتىن ئېشىپ كېتىش، قەھۋە ياكى ھاراقنى كۆپ ئىچىشمۇ شۆلگەينىڭ ئاجرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئېغىزدا تۈرلۈك باكتېرىيەلەر كۆپىيىدۇ-دە، ئېغىز پۇرايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئېغىز پۇراشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تۇتۇش، دائىم چىشىنى چوتكىلاپ يۇيۇش، شۇنداقلا چىشىنى چوتكىلىغاندا تىلىنىمۇ قوشۇپ چوتكىلاش كېرەك، چۈنكى تىلدا باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنالايدىغان نۇرغۇن يېرىقچىلار بار.


«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى