تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللار بۇ تۆت خىل يېمەكلىكنى كۆپ يەپ بەرسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ

  كۆپىنچە كىشىلەر پەقەت ئەرلەرنىلا بۆرەك قۇۋۋەتلەشكە ئېھتىياجلىق، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، بۆرەك ساغلاملىقى ئاياللار ساغلاملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  كاشتان

  كاشتاننىڭ ئاجايىپ بۆرەك قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى بار. مەيلى ئەرلەر بولسۇن، ياكى ئاياللار بولسۇن، بۆرىكى زەئىپلەشكەندە كاشتاننى كۆپ يەپ بەرسە، بۆرەك قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ .

  ھايۋانات جىگىرى

  ئاياللاردىكى بۆرەك زەئىپلىشىش ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كەملىكىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئۇزاق مۇددەت ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىپ، بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئادەتتە ئوزۇقلۇقى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك، مەسىلەن: ھايۋانات جىگىرى، بۇ ئاياللارنىڭ بۆرەك قۇۋۋەتلەشتىكى ئالدىن تاللىشى بولالايدۇ.

  قارا كۈنجۈت ئارىلاشتۇرۇلۇپ دۈملەنگەن توخۇ

  ئاساسلىق ماتېرىيالى: قارا كۈنجۈت، مىكىيان گۆشى. پىشۇرۇش ئۇسۇلى: مېكىيان گۆشىنى پاكىز تازىلاپ، قورسىقى ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا قارا كۈنجۈت تىقىپ، ئاندىن قازانغا سېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا دۈملەپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا قۇۋۋىتى يۇقىرى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى