تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تۈرتكە بولىمىز

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھاجىرلار ساھەسى: ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز

  11- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھاجىرلار ساھەسىدىكىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ئىدىيەنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى كادىرلىرى شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى تەشەببۇسكارلىق، باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئۆگىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ۋە تولۇق ئۆگىنىش، ھەقىقىي ئۆگىنىش ۋە ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش ۋە ھەقىقىي ئىشلىتىش، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەرنى ئۆزئارا يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 19- قۇرۇلتاي روھى بىلەن كاللىسىنى قوراللاندۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىي خىزمىتىگە يېتەكچى قىلىپ، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى كادىرلىرى باشتىن- ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۇھاجىرلار قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەقسەت ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، غايە- ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىلات، خىزمەت، مۇلازىمەت، پائالىيىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھاجىرلارنىڭ بىرلىك سەپ خاراكتېرىدىكى خىزمەت ئالاھىدىلىكىنى، شۇنداقلا دۇنيا خاراكتېرلىك مۇھاجىرلار بايلىق مەنبەسى ۋە خەلقئارالاشقان چوڭ سۇپا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلئارا دىپلوماتىيە خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، چەت ئەللەردىكى خىزمەتنى كېڭەيتىپ، چەت ئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھاجىرلارنىڭ قەلبىنى، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىدىكى يېشى 70تىن ھالقىغان ۋەتەنگە قايتقان پېشقەدەم مۇھاجىر، مۇھاجىرلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لياڭ رىمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ 50 يىلدىن بۇيان، مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىگە شاھىت بولدۇم، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كۈچلۈك ۋەتىنىمىز يار- يۆلەك بولۇۋاتىدۇ. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭخۇا مىلللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقۇزىمىز

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى رايون (ناھىيە)، مەھەللىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق دېيىشتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئاڭلىق يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە سەگەك، ئېتىقاد جەھەتتە قەتئىي، ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، شەھىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، سايباغ رايونى توپاتاغ مەھەللىسى ھەر كۈنى تۈرلۈك شەكىلدىكى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، مەھەللە كادىرلىرى، ھەر مىللەت ئاھالىلەر پائالىيەتكە بەس- بەستە قاتنىشىپ، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

  11- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەردە مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر يەنە مەھەللە پائالىيەت ئۆيىدە جەم بولدى، كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ، قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرايلى» سەرلەۋھىلىك ماقالىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى. توپاتاغ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي لى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەيدانىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەھەللە خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.

  11- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سايباغ رايونى مالياۋدى مەھەللىسىدىكى مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئاھالىلەر مەھەللە يىغىن زالىغا ئارقا- ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، كۆپچىلىك بىللە ئولتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. مالياۋدى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋ يى مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆزىمىز ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپلا قالماي، ھەر بىر ئائىلىگىچە يەتكۈزۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. خىزمەتنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، شەھىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل ئابلا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، مەھەللە ئاھالىسىگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىمەن. ھوقۇقنىڭ مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ تۇتۇپ، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇلدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاھالىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە باشلامچىلىق قىلىمەن.

  مەھەللە ئاھالىسى چېن لىچۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى كاتتا ئىش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تاپىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

  مىچۈەن- كۆكتاغ رايونى جەنۇبىي يول تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى بۇلاق بېشى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جيا ۋېي مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك.

  بۇلاقتاغ رايونى ۋېيخۇلياڭ رۇڭمۇ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋەن چېڭ مۇنداق دېدى: كاللىمىزنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  تەڭرىتاغ رايونى فۇشۇ كوچىسى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جىن مۇنداق دېدى: بىز ئىدىيەنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاھالىسىنى تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن ھەقىقىي تۈردە بەھرىمەن قىلىشىمىز، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن «تارىم ژۇرنىلى» نەشرىياتى: يېڭى دەۋرنى كۈيلەيدىغان ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن «تارىم ژۇرنىلى» نەشرىياتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس كۇرسى 11- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. كۇرسقا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي- جايلىرىدىن كەلگەن 50كە يېقىن شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى قاتناشتى.

  كۇرستا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچىلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەردىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يېڭى دەۋرنى كۈيلەيدىغان، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۇقىرى نادىر ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېزدىن ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوبزورچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىيات- سەنئەت تەتقىقاتچىسى ئازاد سۇلتان بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى، نۆۋەتتىكى ۋەزىپىمىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قانداق ئۆگىنىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا. بىز بۇ قېتىمقى كۇرسنى ئېچىش ئارقىلىق ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىش ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن قۇرۇلتاي روھىنى ئەتراپىدىكى ھەر بىر كىشىگە تەشۋىق قىلىپ، ئىدىيەسى ساغلام، خەلقنى يېتەكلەيدىغان يېڭى ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلدۇق.

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ پىروفېسسورى، شائىر ئابدۇللا سۇلايمان مۇنداق دېدى: مەن بۇ ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك»، «مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئوبدان يولغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. مائارىپچى ھەم ئەدەبىيات- سەنئەت خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە ھەقىقىي ئىشلىتىشكە، ئۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا، «قوش تىل» مائارىپى تەربىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

  «ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى» مەجمۇئەسىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شائىر، يازغۇچى دولقۇن روزى مۇنداق دېدى: بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن، خىزمەت ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تارىختىكى ئېسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش، خىزمەتلىرىمىزنى يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، بۈگۈنكى ئەۋزەل شارائىتىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

(مۇخبىرلىرىمىز مۇبارەك ئىسمائىل، رەناگۈل خۇدابەردى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA دا چېمپىيون بولدى
  • ئۈرۈمچىدىكى بالىلار دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
  • پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلار كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىدا داغدام قەدەم ئېلىپ ماڭماقتا
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى