تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

نىكاھتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ تۆت چارىسى

      تا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر تەتقىقات نەتىجىسى توي قىلىپ قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاجرىشىش نىسبىتى روشەن يۇقىرىلايدۇ، دېگەننى ئىسپاتلاپ چىققىنى يوق. شۇڭا، نىكاھ كىرىزىسى بىلەن ۋاقىتنىڭ مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلى بەكرەك مۇھىم. نىكاھتا مەسىلە كۆرۈلگەندە، قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟

      1.قوبۇل قىلىش. ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ نۆۋەتتىكى رېئاللىقنى، يەنى كىرىمنىڭ تۆۋەنلىكى، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتىنىڭ سۇسلىشىشى ياكى تاپتىن چىقىپ كېتىشتەك پايدىسىز ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. رېئاللىققا يۈزلەنگەندىلا ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

      2.تەڭشەش. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن بۇ نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. مەسىلەن: ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇھەببەتنى قايتا يېتىلدۈرۈش، ساغلام جىنسىي تۇرمۇشنى ساقلاش دېگەندەك.

      3.ماسلىشىش. ھەر ئىككى تەرەپ ھاياتلىقتا ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىق، مەغلۇبىيەتنى مۇقەررەرلىك، شۇنداقلا ۋاقىتلىق ھادىسە، سۈبھى كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى قاراڭغۇلۇق دەپ قاراپ، ئۈمىدۋار، ئىناق بولۇپ قىيىنچىلىقنى بىللە يېڭىش كېرەك.

      4.ھۇزۇرلىنىش. بۇمۇ ھەر ئىككى تەرەپكە ئورتاق. دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك تەرەپلىرى بار يەردە سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك يەرلىرى چىقماسمۇ؟

«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى