15-نويابىر، ئامېرىكا ۋېرگىنىيە سەنئەت مۇزېيىدا كىشىلەر لەشكەر - ئات ھەيكەللىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 15-نويابىر ئامېرىكىنىڭ ۋېرگىنىيە سەنئەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئېلىمىزنىڭ لەشكەر-ئات ھەيكەللىرى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلدى. «شانلىق چىن دەۋرى لەشكەر-ئات ھەيكەللىرى» تېمىسىدىكى بۇ ئالاھىدە كۆرگەزمە 18-نويابىر ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ كۆرگەزمىدە سانغۇن ھەيكىلى، ساۋۇتلۇق لەشكەر ھەيكىلى، ساپال ئات ھەيكىلى، كامانچىلار ھەيكىلى ۋە قەلەمدارلار بەگلەر ھەيكىلى قاتارلىق ھەيكەللەر ھەمدە ھەر خىل مىس قورال-ياراغلار، مۇراسىم، نەزىر - چىراغ بۇيۇملىرى، ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار، قاشتېشى، فار-فور بۇيۇملار ۋە بىناكارلىق دېتاللىرى بولۇپ 130 دىن ئارتۇق بۇيۇم كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.