تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

تېجەشلىك ئايال

  ھازىر دېگەن قانداق دەۋر؟ ئېلېكترونلۇق دەۋرى؟ ئۇچۇر دەۋرى؟… ھەممىسى خاتا، ھەممىدە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ھەممىدە ئۈنۈمىدارلىققا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ھەتتا ئاياللارمۇ تېجەشلىك بولۇپ، ئۈنۈمدارلىققا ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، خوتۇنۇم بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
    كىيىم كېچەك: يازدا چوقۇم ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئاستى-ئۈستىگە ئايرىم-ئايرىم كىيىم كىيىشنىڭ ھاجىتى يوق، مانا بۇ تېجەشچانلىق؛ قىشتا ئۇزۇن پەلتو كىيىدۇ، يۇڭ ئىشتان كىيمىسىمۇ توڭلىمايدۇ، مانا بۇ تېجەشچانلىق؛ چوقۇم ئىشتانپايپاق كىيىدۇ، مانا بۇ تېجەشچانلىق.
    يېمەك-ئىچمەك: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا تاماق يەيدۇ، بۇنداق بولغاندا ناشتىلىق ۋە چۈشلۈك تاماق بىرلا بولىدۇ.
    تاماق ئېتىش: بىر نەچچە خىل كۆكتات سېلىپ شورپا قىلىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، قورساقمۇ تويىدۇ.
    ئۇيقۇ: ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈز چاپلىقى چاپلاپ يېتىپ، يۈزىنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا يۇيىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر قېتىم يۈز يۇيۇش ۋاقتىنى تېجەپ قالىدۇ.
    ئىشقا بېرىش: ھەممىمىز بىرلا ۋاقىتتا ئۆيدىن چىقىمىز، ئاۋۋال بالىنى مەكتەپكە، ئاندىن مېنى ئىدارىغا يەتكۈزۈۋېتىپ، ئاخىرىدا ئۆزى ئىشقا بارىدۇ، كىلومېتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، ئاز دېگەندىمۇ ئىككى-ئۈچ قەدەم تېجىلىپ قالىدۇ.
    بەدەن چېنىقتۇرۇش: لېفىتكە چىقماي، پەلەمپەي بىلەن ماڭىدۇ، يۈگۈرۈش ماشىنىسى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق؛ كىيىم -كېچەكنى قولدا يۇيۇپ، توك ۋە سۇنى تېجەيدۇ.
    ھاجەتخانىغا كىرىش: تەرەت تۇڭىدا ئولتۇرۇپ قىسقا ئۇچۇر يوللايدۇ، گېزىت كۆرىدۇ، پوپايكا توقۇيدۇ…
    چاچ يۇيۇش: يامغۇر ياغقاندا كۈنلۈك كۆتۈرمەيدۇ، بېشىغا ئازراق سوپۇن سۈرۈۋېلىپ، يولدا ماڭغاچ بېشىنى ئۇۋۇلاپ ماڭىدۇ.
    كاماندىروپكىغا چىقىش: كاماندىروپكىغا چىققاندا تورداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىكارغا ساياھەت قىلىدۇ.
     تويغا بېرىش: يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتنى تەبرىكلىگەندە، پۇلنىڭ ئىچىگە باغاقچە قىستۇرۇپ قويىدۇ، ئۇنىڭغا: بۇنىڭ تۆتتىن بىرىنى تويۇڭلارغا، تۆتتىن بىرىنى كەلگۈسىدىكى پەرزەنتىڭلارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى تەبرىكلەشكە، تۆتتىن بىرىنى پەرزەنتىڭلارنىڭ يۈز كۈنلۈكنى تەبرىكلەشكە، تۆتتىن بىرىنى پەرزەنتىڭلارنىڭ بىر ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە ئاتىدىم، دەپ يېزىپ قويىدۇ.
    مال سېتىۋېلىش: كومپيۇتېر سېتىۋالغاندا چوقۇم خاتىرە كومپيۇتېر سېتىۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا كونۇپكا تاختىسى، ئاۋاز ياڭراتقۇ، ئېكران قاتارلىقلار تېجىلىپ قالىدۇ؛ چاچ سوپۇنى سېتىۋالغاندا كۆپ ئىقتىدارلىقنى سېتىۋالىدۇ.
    جورا تاللىغاندا: مەن س س م ب  ئىدارىسىدە ئىشلەيمەن، ئاتام شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ، ئانام باج ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ، ئۇكام سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ، خوتۇنۇم سودىگەر، ئۇ مېنى توغرا تاللاپلا قالماستىن، تەبىئىي قولايلىق يارىتىش تورىنى تاللىغان،  مانا بۇ تېجەشچانلىق.
    تۇغۇش: ئەلۋەتتە، ئۇ بىرلا قېتىمدا بىر ئوغۇل بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇشىنى خالايدۇ . گەرچە بۇنى ئۆزى بەلگىلىيەلمىسىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا دوختۇرلاردىن سوقۇر ئۈچەينىمۇ بىللە ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشنى ئويلىدى، بۇنداق بولغاندا بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى خوتۇنۇمنىڭ تېجەشچانلىقنىڭ ئىپادىسى.

(پىراكتىكانت زىلالە غالىب «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن تەييارلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى