شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئاممىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل چىداۋان يولى، لۇڭشىڭ كوچىسى، كۇئىنلۇن شەرقىي كوچىسى قاتارلىق يەتتە يولدا يېڭىدىن تەخمىنەن 20.04 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولى ياسايدۇ. مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئۇنىۋېرىسال قاتناش تۈر تەتقىقات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ تۈرلەردە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلى پۈتكۈزۈش مۆلچەرلەنگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سىرتقا چىقىشى توغرىسىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدە ئەتىگەن، كەچتە قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلى سائەت 9:00دىن 10:00غىچە، سائەت 19:00دىن 20:00گىچە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى سائەت 9:00دىن 11:00غىچە، كەچ سائەت 19:00دىن 21:00گىچە بولۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا جەمئىيەتتىكى ئاپتوموبىللارمۇ بۇ يولدا قاتنىسا بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يوللارنىڭ ئىشلىنىش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس لىنىيەسى ياسىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىنىيە بېكەتلىرىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق بېكەت تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنى بېكەتتىن ئايرىلىش مۇلازىمەت ئۇچۇرى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار تىجارەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق قۇرۇلۇش ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولىغا 79 دانە ئېلېكترونلۇق بېكەت تاختىسى ئورنىتىلىدىكەن.
ئۈرۈمچىنىڭ «ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان شەھەرلەردە ئاممىۋى قاتناشنى يولغا قويۇش پىكىرى»گە ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى قاتناش مەخسۇس يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 160كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلىدىكەن.