تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

   ھازىر بالىلار-ئۆسمۈرلەر تېلېۋىزور، كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن ھەر ۋاقىت ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشچە، قۇرامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا بالىلار ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچراپ، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى زور تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
   ئامېرىكا «بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا بۇ تېما توغرىسىدا بىر قانچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ كەڭ تۈردە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىش ۋاقتى زور دەرىجىدە ئۇزارغان. بۇ توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات بىلەن ئۇزاق ۋاقىت ئۇچرىشىش ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ كېچىكىشى، ئۇيقۇ ۋاقتىنىڭ قىسقىرىشى ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نۇر كېچىدە كۆرۈش تور پەردىسىگە چۈشكەندىن كېيىن، مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى چەكلەپ، ئۇخلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىكەن، بالىلارنىڭ كۆزى تېخى يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا، كۆزى نۇرغا تېخىمۇ سەزگۈر بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى بۇ مەزمۇنلار بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

(پىراكتىكانت زىلالە غالىب «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن تەييارلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى