تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى

  ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ ۋە مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا قايتا سەپەرۋەرلىك قىلدى، خىزمەتلەرنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭنىڭ گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 21 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى.ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقانلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى جەڭگە ئاتلىنىپ، ئۆزى جەڭگە نازارەتچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتكە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، باش شۇجىنىڭ خەلقنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقنى سۆيىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ۋە ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان ھېسسىياتىنى، باش شۇجىنىڭ تاش – تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك ئەمەلىيەتچىل ئىستىلىنى، باش شۇجىنىڭ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا قوماندانلىق قىلىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش – ئېچىش توغرىسىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھى بويىچە قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، گوۋۇيۈەن يۆلەش – ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 21 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى، بولۇپمۇ مۇئاۋىن زۇڭلى ۋاڭ ياڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىگە ئاساسەن، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نامراتلارنىڭ سانىنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىغا ئېنىق ھۇجۇم قىلىپ، يىرىك پىلاننى ئىلمىي پىلانلاپ، سىياسەتنى توغرا يۈرگۈزۈشتە ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹ئالتە دەل››، ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئۈچ يىللىق لايىھەسىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلار، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر ئاممىغا، ئالدى بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››نى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. بىرىنچى، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ‹‹1 – كەسىپ››نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ‹‹2 – كەسىپ››نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ ‹‹3 – كەسىپ›› نىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، رايون سىرتىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى مۇقىم تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۆلەش – ئېچىش بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يايلىتىشنى توختىتىپ ئوت – چۆپ ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەر، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسىدىن ئىبارەت ‹‹تۆت بىر گەۋدىلەشكەن›› نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى پائال ياخشىلاش كېرەك. بەشىنچى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يول، ئالاقە قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. ئالتىنچى، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ھەقىقىي توسۇش كېرەك. يەتتىنچى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلاشقان نامرات ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلۈش›› ئارزۇسى بار پېشقەدەملەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش، يېتىم بالىلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇتقۇزۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچى، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، داۋالىنىش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، داۋالاش ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاھالىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. توققۇزىنچى، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ ئۇل مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ‹‹ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى››نى قۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئونىنچى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم، ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر(ناھىيە)لەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇش، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى ئۆزى تۇتۇش، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئالاقىدار تارماقلار زىچ ماسلىشىش ئارقىلىق ئۆتكەلگە ماسلىشىپ ھۇجۇم قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس تۈر ئارقىلىق يۆلەش، كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىكى كۈچلەر، كۆپ خىل تەدبىرلەر ئورگانىك بىرلەشكەن ۋە ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان ‹‹تۆت بىر گەۋدىلەشكەن›› نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، تۈرلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە مەخسۇس تۈر بويىچە تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، تولۇق قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك يۆلەش سىياسەت – تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچلۈك چۆچۈتۈپ، يۆلەش مەبلىغى، يۆلەش تۈرلىرىنىڭ نامرات ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەممە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە قوللايدىغان، ھەممە قاتنىشىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باھالاش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ قاتتىق تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، چېكىندۈرۈش ئۆلچىمى، تەرتىپى ۋە تەكشۈرۈش – باھالاشنى چىڭىتىپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش يۆنىلىشىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش قائىدىسىنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، جەريانىنىڭ پۇختا، نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك.

  يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش – ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى