تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەڭگۈ سادىق بولىمەن

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل تىللىرى ئىنستىتۇتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئابدۇخالىق جارۇللا

مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام بۇ يىل 85 ياشقا كىردى، ئۇ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئىزچىل پارتىيەنىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ كەلدى. دادام ئۆيدە بىزگە پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەسلىك، باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىدۇ. دادام دائىم: «ئۇلۇغ كومپارتىيە بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكىدەك گۈللىنىشى، تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقىلا، سىلەر ياخشى تەربىيە ئالدىڭلار، سىلەر پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىڭلار»، دەيدۇ.

  10- ئاينىڭ 18- كۈنى پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم. ماڭا ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغىنى شۇكى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز، دۆلەت پارچىلىنىدىغان تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىغا مۇتلەق يول قويمايمىز. دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بىز ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشىگە مۇتلەق يول قويمايمىز.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى − ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى، بۇ دەل شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» دىننى دەستەك قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىزدىن ياش- ئۆسمۈرلەرنى، ئەۋلادلارنى، كەلگۈسىنى تالاشماقتا. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ؛ ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ خىل تارىخىي مەسئۇلىيەت ئالدىدا، ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس، دەيدىغان ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن.

  بىرىنچى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمەن. پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش ۋە كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئەتراپلىق يېتىلگەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمەن.

  ئىككىنچى، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان «ئېتىقادچان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، تىرىشچان- ئەمەلىيەتچىل، دادىل، پاك- دىيانەتلىك» ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىپ، پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى «تەشۋىقاتچى»، «تەرجىمان» بولۇپ، دىققىتىمنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  ئۈچىنچى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان غەمخورلۇقىنى خىزمەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ ئېڭى بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتىمەن. مۇنبەردە سىياسىيغا، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تەربىيەلەش بازىسىنى ياخشى ساقلايمەن. باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆزۈمنىڭ سۆز- ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيمەن.

  تۆتىنچى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىمەن. سۆز- ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئۈچ كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قەتئىي قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى