تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەيمەن

  شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇخېلىل ئابدۇجېلىل

  مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇخېلىل ئابدۇجېلىل، 2008- يىلى 7- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشتۈم، ھازىر مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىل بولاي دەپ قالدى.

  مەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى پۇرچاقچى يېزىسىدا تۇغۇلغان، دادام سۇچىلىق ئىنژېنېرى بولۇپ، دائىم بىزگە: ياخشى كۈنلەر تەستە قولغا كەلگەن، سىلەر چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە مەڭگۈ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىپ، ھازىرقى ياخشى كۈنلىرىمىزنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك، دەيتتى. ئاتا- ئانام مائارىپقا ھەقىقەتەن كۆڭۈل بۆلەتتى، ئائىلە بولسا بىزنىڭ بىرىنچى مەكتىپىمىز، مەكتەپ بولسا يېڭى بىلىم ئالىدىغان ئائىلىمىز ئىدى.

  مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇدۇم. ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىلى دۆلەت تىلى ئاساسىمىزنى پۇختىلاشتىن نۇرغۇن نەپكە ئېرىشتىم. بۇ مېنىڭ يەنىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىش، ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمغا ئاساس بولدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ، مەكتەپتە كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. دادام مېنىڭ تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن داۋاملىق ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى. مەن 2005- يىلى ئىمتىھان بېرىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىغا تىلشۇناسلىق ۋە ئەمەلىي تىلشۇناسلىق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندىم. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش يېڭى بىلىم ئىگىلىشىم، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشىم، ئۆزۈمنى يەنىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇشۇم ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولدى. بۇ جەرياندا ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار ماڭا تۇرمۇش جەھەتتە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە روھىي جەھەتتە مەدەت بەردى، ئۆگىنىشتە يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمگە ياردەم بېرىپ، ماڭا كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، مەن بۇنىڭدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

  يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەندەك بىر بالىنىڭ مۇھەررىر بولۇپ يېتىلىش جەريانىمنى سانسىزلىغان ھاياجان ۋە مىننەتدارلىققا تولغان ھاياتلىق سەپىرىم دېيىشكە بولىدۇ. مەن تەسىرلەنگەن ھەم مىننەتدار بولغان كىشىلەر ۋە ئىشلار بەك كۆپ. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ئاتا- ئانامنىڭ ئەجرى ھەم مەدىتى، ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ تەربىيەسى ۋە غەمخورلۇقى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قىزغىن ياردىمى، شۇنىڭدەك پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئېرىشكەن بارلىق نەتىجەم پارتىيە ۋە دۆلەتكە مەنسۇپ. مەن پارتىيە بىلەن دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە چوڭ بولدۇم. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، دادىل زىممىگە ئالالايدىغان مۇنەۋۋەر مۇھەررىر بولىمەن.

  نەشرىياتقا يېڭى ئىشقا چۈشكەن ۋاقتىمدا، بىر پېشقەدەم ئۇستاز ماڭا: بىزنىڭ مۇلازىمەت ئوبيېكتىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەر، شۇڭا سىز بۈگۈندىن باشلاپ كۆرگەن ھەر بىر كىتابىڭىز، قىلغان ھەر بىر سۆزىڭىزگە مەسئۇل بولۇشىڭىز، سىياسىي ئۆتكەل، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بىر كىتاب بىر تۈركۈم كىشىگە ھەتتا بىر ئەۋلادقا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېگەنىدى. بۇ پېشقەدەم ئۇستازنىڭ سۆزى ھەر ۋاقىت مېنى ھەر بىر كىتابنىڭ سىياسىي يۆنىلىش ئۆتكىلىنى پۇختا ئىگىلەپ، كىشىلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان، ئىجتىمائىي قىممىتى بار مۇنەۋۋەر كىتابلارنى چىقىرىشقا ئۈندەپ كەلدى.

  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ نەسىھىتىنى، نەشرىياتچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ غايەت زور زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ھەم ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنى ھەر ۋاقىت ھازىرقى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنى ياخشى يېتەكلەيمەن.

  مەن جەزمەن يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەيمەن. سىياسىي مەيدانىمنى باشتىن- ئاخىر مۇستەھكەم قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن؛ سىياسىي ئاڭ بىلەن ئىلمىي پوزىتسىيەنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، پائال ئىلگىرىلەپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرنى توغرا قىممەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، دۇنيا قاراش ئارقىلىق يېتەكلەپ، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى