كۆپىنچە كىشى سېزىكلىك مەزگىلىدىكى قۇسۇشنى نورمال ئەھۋال، دەپ قارايدۇ، ئەمما سېزىك قاتتىق بولغاندا ھامىلىنىڭ بالدۇرتۇغۇلۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ يېقىنقى يېڭى بىرتۈرلۈك تەتقىقاتىدا بۇ نۇقتا ئىسپاتلانغان.
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تەخمىنەن 15مىڭ بوۋاق ھامىلە مەزگىلى 37ھەپتىگە يەتمەي تۇرۇپلا دۇنياغا كۆزئاچقان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدىن تەخمىنەن 4600دىن كۆپرەكىدە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سېزىكلىك ئالامىتى قاتتىق بولغانلىقى ئېنىقلانغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھامىلىدارلارنىڭ سېزىكى قاتتىق بولۇپ، نېمىلا يېسە سىڭمىسە، تولا قۇسسا، بەدەندىكى ئېلېكتىرولىت ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، فىزىيولوگىيەلىك، روھىي بېسىم ئېشىپ كېتىپ، ئېغىربولغاندا تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ھامىلىنىڭ بالدۇرتۇغۇلۇپ قېلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەييارلىغان
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى