ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىدىن ئۆزىنى چۈشىنىشىنى، ئاتا-ئانىنىڭ قىلغان ئەمگىكىنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، بالىلار بۇنى تولۇق ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ. ھەتتا خاتا چۈشەنچىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر قوبۇل قىلىش، ماختاش، كۆيۈنۈش، ۋاقىت، مەسئۇلىيەت، ھوقۇقتىن ئىبارەت بىر «ئائىلە»نى ئورگانىك تەشكىل قىلغۇچى ئالتە چوڭ گۆھەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە بالىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر پىكرى:
1. قوبۇل قىلىش مەركىزىي نۇقتا
ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن چىن مېھرىڭىزدىن بالىڭىزنى قوبۇل قىلىڭ. بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئائىلە باشلىقلىرى «گەپ ئاڭلىمىساڭ سېنى ياخشى كۆرمەيمەن» دەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىدا «ئاتا-ئانامنىڭ مېنى قوبۇل قىلىشى شەرتلىككەن» دېگەن ئوينى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز بالىدا كىچىكىدىن تارتىپ يالغان سۆزلەيدىغان شەكىلۋازلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.
2. ماختاش ئاساستۇر
ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈشى، بالىدا ئازراق ئارتۇقچىلىقنى بايقىسىلا بالىنى ماختىشى كېرەك. ماختاش بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. بالا خاتالىق ئۆتكۈزسە ھېچ گەپ يوق. مۇھىمى خاتالىقنىڭ نەدىلىكىنى بىلىپ تۈزىتىش كېرەك. يېتىلىش دېگەن نېمە؟ يېتىلىش خاتالىق ئۆتكۈزۈش-خاتالىقىنى تونۇش-خاتالىقىنى ئۆزگەرتىش دېمەكتۇر. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى تارتىۋالسا بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانغا باراۋەر.
3. ۋاقىت-سول تام
كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىزغا ھەمراھ بولۇڭ، بەزى ئاتىلار خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، بالا تەربىيەلەشنى خوتۇنىغا يۈكلەپ قويىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاتا مېھرى كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ.
4. كۆيۈنۈش-ئوڭ تام
ئائىلە باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىڭىزنى تولۇق سۆيۈڭ. بالىڭىز بۇ خىل سۆيۈشنىڭ بىر خىل تىزگىنلەش، تەربىيەلەش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن. ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆيۈنۈشى ئۆي ئىچىدىكى كۆيۈنۈش، بىراق بالىڭىزنىڭ ھەقىقىي موھتاج بولۇۋاتقىنى بولسا، ئۆينىڭ سىرتىدىكى كۆيۈنۈش.
سۆيۈشنىڭ بەش خىل ئۇسۇلى بار: 1. تىل: تىل بىلەن سۆيۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك؛ 2. سوۋغات: %96 كىشى سوۋغات بېرىش ۋە قوبۇل قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ 3. ھالىدىن خەۋەر ئېلىش: ئائىلە باشلىقلىرى بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بالىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ 4. ۋاقىت: كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ھەمراھ بولۇڭ؛ 5. قۇچاقلاش: بۇمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر تىل. پەقەت ئاددىيلا قۇچاقلاپ قويۇش ئەمەس، مۈرىنى يېنىك ئۇرۇش، دۈمبىسىنى سىيلاش قاتارلىقلاردىن ئىپادىلەنگەن مۇھەببەت ھەرقانداق تىلنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.
5. مەسئۇلىيەت-پېشايۋان
بالا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەتنى، ئۇنىڭ نېمە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. بالىدىن: «ئويۇنچۇقلارنى ئويناپ بولغاندىن كېيىن يىغىشتۇردىڭىزمۇ؟»، «قول ياغلىق، پايپاقلىرىڭىزنى ئۆزىڭىز يۇيدىڭىزمۇ؟»، «ئائىلە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئائىلە ئىشلىرىنى زىممىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ؟» دەپ سوراپ، ئۇنىڭ زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. دائىم مەسئۇلىيەتنى ئەسكەرتىپ تۇرغاندا، بالا ھەممىنى قىلالايدىغان بولىدۇ.
«بەختلىك ئائىلىنىڭ سىرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى