تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئۇن بىلەن گۈرۈچنىڭ قايسىسى سالامەتلىككە پايدىلىق

      ئۇن بىلەن گۈرۈچ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى خىل ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇش سۈپىتىدە، قايسىسى سالامەتلىككە ئەڭ پايدىلىق دېگەن تېمىدىكى تالاش-تارتىشلار تا ھازىرغىچە توختىغىنى يوق. ئۇنداقتا، ئەمەلىيەت نېمىنى ئىسپاتلايدىغاندۇ؟ بىز بۇنى ھەر قايسى نۇقتىدىن تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى.

قايسىسى ئەڭ قۇۋۋەتلىك

      «جۇڭگونىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلى»دىكى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى گۈرۈچ (شال) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇن(ئۆلچەملىك ئۇن) تەركىبىدىكى تاماق تالاسى، ۋىتامىنB1، ۋىتامىن B2 ، ۋىتامىن E بىلەن كالتسىي، كالىي، ماگنىي، تۆمۈر، سىنىك، قاتارلىق كۆپ قىسىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەركىبى يۇقىرىراق بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى تاماق تالاسى، ۋىتامىن B1، ۋىتامىنE  بىلەن كالتىسىينىڭ تەركىبى گۈرۈچنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇپ، سىنىك تەركىبى گۈرۈچتىن ئازراق يۇقىرى بولىدىكەن. ئاقسىل تەركىبى جەھەتتە، ئۇننىڭ ئاقسىل مىقدارى گۈرۈچتىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاقسىلنىڭ سۈپىتى گۈرۈچنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلدىن ناچارراق بولىدىكەن. دېمەك، زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتا نىسبىتى، ئاقسىلنى ھەزىم قىلىش نىسبىتى بىلەن پايدىلىنىش ئۈنۈمدارلىقى قاتارلىق ھەر جەھەتتىن ئويلاشقاندا، بەدەن گۈرۈچنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنى تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلالايدىكەن. شۇڭا، ئەگەر گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى بىلەن پايدىلىنىش ئۈنۈمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىلېمېنتنى بىرلا ۋاقىتتا ئويلاشساق، گۈرۈچ بىلەن ئۇننى تەڭلىشىپ قالىدۇ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

      ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككىلىسى زىللىق بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان ئاساسىي يېمەكلىك بولۇپ، بۇلار ئادەم بەدىنىنى ئىنتايىن ئاز بولغان ۋىتامىن، مېنىرال ماددا، تاماق تالاسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئاساسلىق يېمەكلىكتىن تېخىمۇ كۆپلىگەن ئوزۇقلۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن يەنىلا قارا ۋە ئاق ئاشلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇلۇ قاتارلىق قارا ئاشلىقنى ئېسىل گۈرۈچ بىلەن ئاق ئۇننىڭ ئورنىدا كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك ئىكەن.

«پەن ۋە تۇرمۇش ژورنىلى»دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى