ئىت چىشلەپ يارىلانغاندا، ئىت ساغلام بولسۇن، بولمىسۇن بۇنىڭغا تەدبىر قوللىنىش كېرەك. يەنى ئىت چىشلىۋالغان ياكى يارىلاندۇرغان جاينى پاكىز سۇدا ياكى سوپۇن بىلەن 15مىنۇت يۇيۇش، ئەگەر ئەتراپتا سۇ بولمىسا سۈيدۈك بىلەن يۇيسىمۇ بولىدۇ،لېكىن ئامال بار سۇ بىلەن يۇيىۋېتىش كېرەك.
ناۋادا يارا ئېغىزى بەك چوڭ ئەمەس ھەم ئانچە كۆپ قانىمىغان بولسا، يارىنى تېڭىۋالماسلىق، باشقا دورىلارنى سۈركىمەسلىك كېرەك. ئەگەر يارا چوڭقۇر ھەمدە ئېغىز بولسا چوقۇم تېڭىپ قويۇش كېرەك، يەنى يارىنى دېزىنفېكسىيەلىگەندىن كېيىن ئاندىن تېڭىپ قويۇش كېرەك.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى