تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەگە كىرىش قەسىمى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا كوللېكتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئەسلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ قەتئىي سىياسىي ئېتىقادىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قەتئىي ئىرادە بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىدا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر مەقسەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

  بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىقلارنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسەمنامىسىنى تەكرارلىغان كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فىلىمىنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  ــــ تەھرىردىن.

  مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.

  قەسەم بەرگۈچى: شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ

  96 يىلنىڭ ئالدىدا پەقەتلا نەچچە ئونلا ئەزاسى بار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەمىز تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە 89 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيەگە ئايلاندى.

  يولداشلار!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پات ئارىدا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياشلىق باھارىنى مەڭگۈ ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىكەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت چوڭ كېمە جەزمەن دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق غەلىبە قىرغىقىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارالايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى