تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى

  ئۆز خەۋىرىمىز: 42گۇرۇپپا كونتېينېردىن تەشكىللەنگەن، كىيىم-كېچەك، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىقلارنى باسقان X9091 قېتىملىق يۈك پويىزى 14-نويابىر سائەت 17:00دە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىش مەركىزىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى.

  ئىگىلىنىشىچە، X9091 قېتىملىق يۈك پويىزى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىش مەركىزى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان يۈك پويىز بولۇپ، بۇ نۆۋەتچى پويىز قورغاس ئېغىزىدىن چىقىپ، قازاقىستاندىن ئۆتۈپ، بەش كۈندە 1990كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە يېتىپ بارىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ نۆۋەتچى پويىز يېرىم توشۇش ۋاقتىنى تېجەپلا قالماستىن، ئەشيا ئوبوروت توشۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان. ئىلگىرىكى تاشكەنتكە توشۇلىدىغان ماللارنىڭ كۆپىنچىسى ۋاگون سەپلەش ئۇسۇلىدا توشۇلىدىغان بولۇپ، ئالمۇتاغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن پارچە توشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق توشۇلغان، بۇ ئۇسۇل خىزمەتچىلەرگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

  شىنجاڭ تۆمۈريول خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن درېكتورى نەن جۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ كۆلەملەشكەن تەرەققىيات يولىدا ئىزچىل ماڭغانلىقىدىن يەتكەن ئۈنۈم ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى