تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ساداقەتمەن قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن

  شىنجاڭ گېزىتخانىسى باش مۇھەررىر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىئاي ياقۇپ

  مەن قومۇلدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى ئىدى، ئاپام خەلق ئوقۇتقۇچىسى، دادام، ئاپام ئىككىلىسى 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولى پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا كۆيۈنگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. ئاتا- ئانام دائىم بىزگە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشى ۋە ئاتا- ئانامنىڭ تەربىيەسىدە، ھەممىمىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىردىم، مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىزچىل شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئۆز خىزمىتىمنى چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، دەيدىغان ئارزۇيۇم بار ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىگە، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىگە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ياخشى ۋەزىيىتى بولمىغان بولاتتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، باراۋەر، بەختلىك، خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بۇ ئۆزگىرىشلەردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ۋەتەننىڭ قۇدرەتلىكلىكى، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

  مەن گۈزەل شىنجاڭدا تۇغۇلدۇم، ئۆسۈپ يېتىلدىم، شىنجاڭدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، بەختىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كۆرۈشنى، بىزنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالىمايدۇ. تارىخىي تەجرىبىلەر بىزگە شۇنى قايتا- قايتا ئۇقتۇردىكى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدىنمۇ مۇھىم. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر ۋاقىت «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى» كېرەك، دېگەن تەلىمىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن.

  ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز. مەن پارتىيەگە قەتئىي مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا چېتىلىدىغان چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن؛ قەتئىي ئىرادە، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك مەسئۇلىيەت، پولاتتەك ئېتىقاد بىلەن، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا، ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشتا تېخىمۇ قەتئىي بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتكە جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ۋەدەمنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغ پىلانى تۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ بېرىلدى، ئۇ يېڭى دەۋردە يېڭى سەپەرنى باشلاشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇش بىز ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا، ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن سۆزلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، «تۆت ئاڭ» نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى