تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىم ھەسسىلەپ كۈچەيدى

  توقسۇن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇيەسسەر ئابدۇراخمان

  يۇرتۇم توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئەگرى- بۈگرى، ئېگىز- پەس شەھەر- يېزا يوللىرىنىڭ ئورنىغا ھازىر كەڭرى ئاسفالت يوللار ياسالدى، يولنىڭ ئىككى يېقىدىكى قاتار- قاتار يول چىراغلىرى توقسۇن ناھىيە بازىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىسىگە گۈزەل ھۆسن قوشتى. «كۆكەرتىش، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ناھىيە بازىرى بارغانسېرى چىرايلىق تۈسكە كىردى.

  يېقىنقى نەچچە يىلدا، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ يېزىلىرىدىمۇ زور ئۆزگىرىش بولدى. مومامنىڭ يېزىدا بىر تۇغقىنى بولۇپ، كىچىك ۋاقتىمدا دائىم مومام بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى باراتتىم، ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ تۇغقىنىمىزنىڭ ھەممە ئۆيىدە مەش بولۇپ، يېرىم كېچىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆمۈر سېلىشقا توغرا كېلەتتى، تولىمۇ قولايسىز ئىدى. مومامنىڭ بۇ تۇغقىنى ئاغرىقچان بولۇپ، كۆپ داۋالىناتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. بۇلتۇر ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئۇلار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. ئۆيى تولىمۇ چىرايلىق زىننەتلەنگەن بولۇپ، يەرگە پول ياتقۇزۇپتۇ، ئاشخانىسىغا فار- فۇر خىش چاپلاپتۇ، ئۆيىگە تۇرۇبا سۈيى تارتىپتۇ، يەنە ھەممە ئۆيىگە پار ئورنىتىپتۇ، ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە تۈرلۈك گۈل- گىياھلارنى تېرىپتۇ، تۇغقىنىمنىڭ كۆڭلىمۇ كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ. ھازىر كەنتتىكى ياشانغانلار ئاغرىپ قالسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىپ بېرىدىكەن، يېزا دوختۇرخانىلىرىنىڭ شارائىتىمۇ ياخشىلىنىپتۇ، ئوكۇل سالدۇرۇش، دورا ئېلىش، كېسەلخانىدا يېتىشقا ئانچە كۆپ پۇل كەتمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ئاسانلىشىپتۇ؛ كەنت ئاھالىسى كېۋەز تېرىسا، ھۆكۈمەت قوشۇمچە ياردەم پۇل بېرىدىكەن؛ ئىلگىرى بالىلار يېزىغا بېرىپ يەسلىگە كىرەتتى، ھازىر ھەممە كەنتتە يەسلى سېلىنىپ، بالىلار ئىشىكى ئالدىدىلا تەربىيەلىنىدىغان بوپتۇ. يىراقتىن قارىغاندا، كەنتتىكى قاتار- قاتار، رەتلىك سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنەتتى، بۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ قەلبى شېرىن ھېس- تۇيغۇلارغا چۆمگەنىدى.

  شەھەر- يېزىلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەقسىتى ۋە مەۋقەسى قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر مىللەت ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، بۇ ياخشى دەۋرگە چىن كۆڭلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكتە.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر قەلبىمىزنى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە سالدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بىز باشتىن- ئاخىر چىن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، ھەر ۋاقىت ۋەتەنگە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ياخشى قەدىرلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداپ، كەسپىي ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كەسىپتە پىشقان ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ياخشى دوختۇر بولۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى