تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، بۇرچۇمنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن

  قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرزات سېگىزباي

  ئىسمىم نۇرزات سېگىزباي، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدە قازاق ئائىلىسىدە توغۇلغان، كىچىكىمدىن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ياشاپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدىم، كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، قوشنىلار ئارا دوستلۇقنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما چەكسىز ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، شەھەر- يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى، بۇ پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئاچقان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، بىر قېتىملىق ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇرۇلتىيى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. قۇرۇلتاي بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، كۈرەش نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  مەن 2002- يىلى 7- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغاندىن بۇيان، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن- ئاخىر ئېنىق ئېسىمدە ساقلىدىم ھەم ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلدىم. بىز ھەر بىرەيلەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن باشتىن- ئاخىر قەتئىيلىك بىلەن شۇنداق قارايمەنكى، ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق بەرپا قىلغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەسئۇلىيىتى. پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ۋە زىيان يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىشقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارشى بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سىياسىي تۆۋەن چېكى بولۇپ، قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.

  قازاقلاردا مۇنداق ماقال- تەمسىل بار: «قېرىنداشلار ئىناق ئۆتسە، چارۋا كۆپ بولۇر، ئېپى يەڭگىلەر ئىناق ئۆتسە ئاش كۆپ بولۇر». قەلب ئالاقىسى كۈچەيگەندىلا، ھېسسىيات تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. قارا بۇلۇت قۇياشنى توسۇيالمايدۇ، رەزىللىك ھەققانىيەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلالمايدۇ، پارتىيەنىڭ كۆپ يىللىق تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ھوشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاق- قارىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، رەزىل كۈچلەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىل جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمنى، ئامما بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىش ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن ھەم شۇ ھەقتە تەربىيە بېرىمەن. ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، نەتىجە يارىتىمەن، يېڭى دەۋردىكى يېڭى بۇرچنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تارىخىي بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن، ئاياللار خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ يېڭى سەپىرىدە تۆھپە يارىتىمەن.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، داۋاملىق ئىگىرىلەيمەن؛ بۇرچ زىممىگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىر مەقسەتتە دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پورەكلەپ ئېچىلىپ مېۋە بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم ئومۇمىيىتىنى قەتئىي ئورتاق قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى