تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چىش نېمە ئۈچۈن ئاغرىيدۇ؟

چىش تىرىك توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بىرەر توقۇلمىدىن مەسىلە چىقسىلا دەرھال مېڭىگە ئاغرىش سىگنالى يوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش ئاغرىيدۇ.

چىشنىڭ مۇستەھكەم تاشقى قېپى چىش ئېمال ماددىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدا سېزىم بولمايدۇ، ئەمما چىش ئېمال ماددىسى ئىچىدە نېرۋىغا تۇتىشىدىغان قاتتىق توقۇلما چىش ماددىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدا يەنە نۇرغۇن قان تومۇر، نېرىپلار قاپلانغان يۇمشاق توقۇلما  –  چىش يىلىكى بولىدۇ، چىش يىلىكى چىش تاجىدىن تارتىپ چىش يىلتىزى ۋە چىش مىلىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغىچە تارقالغان بولىدۇ. چىش ماددىسى ۋە چىش مىلىكى چىش ئېمال ماددىسىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار تىرىك توقۇلمىلارغا تەۋە بولۇپ سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا چوڭ مېڭىگە ئاغرىش سىگنالى يوللايدۇ. ئادەتتە چىش ئاغرىقى چىش ئېمال ماددىسىنىڭ تېشىلىپ كېتىشىدىن پەيدا بولىدۇ. باكتېرىيەلەر چىشقا چاپلىشىپ قالغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرىدە ياشاپ كۆپىيىدۇ ھەم باكتېرىيە داغلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ مېتابولىتلىرى چىشنى چىرىتىپ ئېمال ماددىسىدا تۆشۈكچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. چىش ماددىسى تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق ئېچىلىپ قالىدۇ، بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا غىدىقلىنىپ چىش ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باكتېرىيەلەر چىش مىلىكىگە بۆسۈپ كىرگەندە بەدەن چىش مىلىكى توقۇلمىلىرى بىلەن بۆسۈپ كىرگەن باكتېرىيەلەرنى پەرقلەندۈرەلمەي، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كېسىلى  چىش مىلىكى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. چىش مىلىكى كېسىلى چىش مىلىكى يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر قىسىم چىش يىلتىزى ئېچىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىش ئىسسىق ۋە سوغۇققا سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ.

كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى