تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

مائارىپنى قانداق ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟

  ‹‹خەلق گېزىتى›› مۇخبىرلىرى جاۋ ئېنا، جاڭ شو، دىڭ يايۇڭ

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مائارىپ ئىشلىرى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇلىدۇ. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئوبدان يولغا قويۇش شەرت.شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ داڭلىق ئالىي مەكتەپ ۋە داڭلىق پەن قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىسى نەدە؟ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يەنە قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؟ مۇخبىر بۇ توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟

  مۇخبىر: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر بىر بالىنى ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

  بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قايسى مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ؟

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ: شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىمى ‹‹ يېزىلار ئاجىز بولۇش، شەھەر – بازارلار قىستاڭ بولۇش››تەك گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  ‹‹تۆتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش›› ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھىمنىڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. بىرلىككە كەلگەن ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى››نى تۈزۈپ، ئېلان قىلىپ، مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىنكى شەھەر – يېزا ئوقۇتقۇچىلار ئىشتاتى ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشتاتىنى جانلىق باشقۇرۇش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جامائەت خىراجىتى ئۆلچەملىك نورمىسى ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىكنى جامائەت خىراجىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش؛ مەكتەپلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي جابدۇق ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جابدۇقلاردىن ئەمەلىي پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلارنىڭ چوڭ سىنىپنى تۈگىتىش پىلانىنى يولغا قويۇشىغا ئەستايىدىل ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. 2018 – يىلىغا بارغاندا ئالاھىدە چوڭ سىنىپنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش، 2020 – يىلىغا بارغاندا چوڭ سىنىپنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش كېرەك. كەمتۈكلۈكنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرنى كۈچەيتىش كېرەك. يېزىلاردىكى كىچىك كۆلەمدىكى مەكتەپ ۋە يېزا – بازاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە كۈچەيتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىش، مۇۋاپىق ياتاق بولۇش بىلەن سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆزلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، خىراجەت كاپالىتى، ئوقۇش – ئوقۇتۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىدا، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق، ئادەتتىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ماس بولماسلىق ۋە كاپالەت شارائىتى مۇكەممەل بولماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا. مەركەز ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، يەرلىك تۈر ئامبىرى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم مەكتەپلەرنى قۇرۇش، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ چوڭ سىنىپىنى پەيدىنپەي تۈگىتىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي خىزمەتكە كاپالەتلىك قىلىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، ھەر قايسى جايلار ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش پۇل ئاجرىتىش ياكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە جامائەت خىراجىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، تەننەرخىنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئوخشاش بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىلكىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ رايون ئاتلاپ، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىۋېلىشىنى قاتتىق چەكلەش كېرەك.

  ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟

  مۇخبىر: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ‹‹قوش ئالدىنقى قاتاردىكى›› قۇرۇلۇشىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك ؟

  دۆلەت مائارىپ مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى چۈ جنيۈەن: ھازىر، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغان باسقۇچقا قەدەم قويدۇق. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي تېما، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، پەن تەتقىقات تۈزۈلمىسى مېخانىزمى ئىسلاھاتى، كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مەكتەپلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ باغلىنىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى ئالاھىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.داڭلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىقالىغان ئالىي مەكتەپ دۇنيادا داڭلىق مەكتەپلەردىن بولالايدۇ. ئېلىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا چوقۇم ‹‹ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش›› تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش ھەم بۇ ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقا خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئالىي مەكتەپنىڭ ئاساسى. ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش، ئىش ھەققى تەقسىماتى، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، مۇۋاپىق يۈرۈشۈش قاتارلىق ھەر قايسى ھالقىلارنى سىستېمىلىق راۋانلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، ‹‹قوش ئالدىنقى قاتاردىكى››گە باب كېلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى قانداق مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؟

  مۇخبىر: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى قايسى جەھەتلەردە تولۇقلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؟ ئۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟

  مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى: ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق قاتارلىق قىسمەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ‹‹تۆۋەن چەكتە چىڭ تۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشكە يېتەكلەش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىتىش كېرەك.

  بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى كۈچەيتىپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق يوچۇقلارنى ئېتىش كېرەك؛ مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەبلەغدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىشتە جايلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، ھەر قايسى تەرەپلەر ئېتىراپ قىلىدىغان چارە تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇش تەۋەلىكى، نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياردەم بېرىش ئوبيېكتىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىپ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ياردەم پۇلىنى ئۇلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. ياردەم مەبلىغىنى تەقسىم قىلغاندا، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمغا، يېزىلارغا، كونا ئازاد رايون، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چەت رايونلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار مەركەزلەشكەن مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇش كېرەك.ئەڭ مۇھىمى، ‹‹ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش›› بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،‹‹قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش – ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلىنىش››دىن ئىبارەت ئۆزگىچە يولنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، جاۋاب قايتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى