تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يەنجى ناھىيەسىدە ناھىيە، يېزا – كەنتلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلدى

  مۇخبىرىمىز شيا چىڭ

  يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 2014 – يىلىدىن بۇيان ناھىيە، يېزا – كەنتلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياخشىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنى سۈپەتلىك بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، تېببىي ساھەدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئائىلە دوختۇرى ئاممىنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاغرىقلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلدى

  10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى سەھەردە شىگشىن بازىرىنىڭ خارمودون كەنتىدىكى مەمەت ھەسەننىڭ يۈرىكى سەل بىئارام بولدى، ئۇ باشقىلاردىن شىگشىن بازارلىق شىپاخانىدىمۇ ئېلېكتىروكاردىيوگرامما قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى، ئۇ سىناپ بېقىش ئۈچۈن بازارلىق شىپاخانىغا كەلدى.

  مەمەت ھەسەن بازارلىق شىپاخانىغا كېلىپ ھەيران قالدى، شىپاخانىدا ئېلېكتىروكارىيوگرامما، رەڭلىك ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلار بار ئىدى، ئېلېكتىروكاردىيوگراممىدا تەكشۈرۈش تېزلا تۈگىدى. مەمەت ھەسەننى تېخىمۇ سۆيۈندۈرگىنى، ئۇ تۇنجى دىياگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش ھەققى ئۈچۈن ئون يۈەنلا خەجلىگەنىدى.يەنجى ناھىيەسى 2014 – يىلدىن بۇيان 8 مىليون 900 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا – بازار شىپاخانىلىرى ۋە كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى بىرتۇتاش رېمونت قىلدى، ھەربىر شىپاخانىغا رەڭلىك ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ئېلېكتىرونلۇق بىيوخىمىيەلىك ئانالىز قىلىش ئەسۋابى، قان شارچىسىنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابى، سۈيدۈك ئانالىز قىلىش ئەسۋابى، سېنترافۇگا، يىراق مۇساپىلىك ئېلېكتىردىيوگرامما دىياگنوز قويۇش سىستېمىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىدى، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدى. بىر قىسىم يېزا – بازارلىق شىپاخانىلاردا جۇڭگو تېبابىتى بويىچە كېسەل كۆرۈش ئۆيى ۋە ساغلاملىق ئۆيى قۇردى، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلار جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابەت مۇلازىمىتى، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرلىرىنى تەسىس قىلدى.

  ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياڭ لى مۇنداق دېدى: ناھىيە، يېزا – كەنتلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى، ئامما داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىندى.

  داۋالاش ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى، تېببىي خادىملار قوشۇنىنىڭ زورىيىشى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۆستى، نۇرغۇن ئاغرىقلارغا تۇنجى دىياگنوز ئاساسىي قاتلاملاردىلا قويۇلىدىغان بولدى، ھازىر ناھىيە بويىچە ئاساسىي قاتلامدا داۋالىنىدىغانلار داۋالانغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %60ىنى ئىگىلىدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2016 – يىلى ناھىيە بويىچە يېزا – بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەلىرىدە داۋالانغانلار 2014 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.1، كېسەلخانىدا ياتقانلار %39.4 ئېشىپ، يېزا – بازار شىپاخانىلىرىنىڭ داۋالاش كىرىمى %24.9 كۆپەيگەن. يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.

  يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئاغرىقلارغا قولايلىق ياراتتى

  ۋۇخاۋچۈ يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرى جاڭ جۈەن 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ليۇ چياڭ بىلەن ئالاقىلىشپ، تۆۋەنكى ۋۇخاۋچۈ كەنتىدىكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان جى سۈنۋېنغا يىراقتىن دىياگنوز قويدى.

  ليۇ چياڭ ئۈندىداردا كۆرۈنمە چاستوتىدىن پايدىلىنىپ، جى سۈنۋېننىڭ كېسىلىگە دىياگنوز قويۇپ، جى سۈنۋېننىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى، دىياگنوز ئەھۋالى، كېسەل تارىخى، تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ تۇردى ھەم ئاغرىقنىڭ كېسەل ئەھۋالىغا ئاساسەن جاڭ جۈەننىڭ داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  جاڭ جۈەن مۇنداق دېدى: مەن يىراقتىن دىياگنوز قويۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاغرىقلارغا دورا بېرىمەن ھەم قەرەللىك ئۇلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاغرىقلارغا يېمەك – ئىچمەك، ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشنى تاپىلايمەن.

  ۋۇخاۋچۈ يېزىلىق شىپاخانىنىڭ باشلىقى تەن شىنرۈي مۇنداق دېدى: ليۇ چياڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى دوختۇرى، ئىلگىرى سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خۇاشى دوختۇرخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا سىستېمىلىق بىلىم ئاشۇرغان، ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس.

  ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېزا – بازارلىق شىپاخانىلار ئارىسىدا ھەقسىز يىراقتىن دىياگنوز قويۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 50 پېشقەدەم دوختۇردىن يىراقتىن دىياگنوز قويۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى تەشكىللەپ، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش جەريانىدا يولۇققان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. ھازىرغا قەدەر ناھىيە بويىچە 1700 دىن كۆپرەك ئاغرىققا يىراقتىن دىياگنوز قويۇلدى.

  ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ھەر يىلى ئىككى قارار يېزا – بازارلىق شىپاخانىلاردىكى دوختۇرلار ۋە كەنت دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 300 نەچچە دوختۇرنى تەربىيەلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا – بازارلىق شىپاخانا باشلىقلىرىنى چېڭدۇجىنجياڭدا ئېچىلغان بىر ھەپتىلىك ئاممىۋى سەھىيە باشقۇرۇش كۇرسىغا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بار بولدى

  يەنجى ناھىيەسىدە 2015 – يىلى 6 – ئايدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار كەنت ئاھالىلىرىگە توختاملىشىپ مۇلازىمەت قىلىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. يۇڭنىڭ بازارلىق شىپاخانىنىڭ دوختۇرى يەن شياڭشى مۇنداق دېدى: ئائىلە دوختۇرلىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئۇلارغا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالدىن كېلىشىپ بېرىش، ئامبۇلاتورىيە مەخسۇس بۆلۈملىرىدە كېسەل كۆرسىتىش نومۇرى ئېلىپ بېرىش، كېسەلخانىدا يېتىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىشتىكى ‹‹ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر›› يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ بېرىمىز.

  بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە ناھىيە بويىچە 17 مىڭ 800 ئادەم بىلەن توختام ئىمزالاندى، بۇ، ناھىيەدە دائىملىق تۇرۇشلۇق نوپۇسىنىڭ %13.95ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ توختام ئىمزالاش نىسبىتى %100كە يەتتى.

  ياڭ لى مۇنداق دېدى: بىز ئائىلە دوختۇرلىرى مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە ئىزدىنىپ، يىڭىلىق يارىتىپ، ئائىلە دوختۇرلىرى كوللېكتىپ مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاساسىي داۋالىنىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، داۋالىنىش – كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يولغا قويىمىز.

  يەنجى ناھىيەسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش تەلىپىنى تېخىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن، 2016 – يىلى 9 – ئايدا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە مەكتىپىگە كەنتداۋالاش ئۆيلىرىدە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيەسىگە ئىگە ئىختىساسلىقلاردىن 33نى تەربىيەلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  يەنجى ناھىيەسىدە ناھىيە، يېزا – كەنتلەرنىڭ سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ھازىر يېزا – بازار شىپاخانىلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتى، ئاممىۋى سەھىيە خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، دەسلەپكى دىياگنوز، قوش يۆنىلىشلىك دىياگنوز قويۇش، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەللەر بىلەن ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى ئايرىپ داۋالاش، تۆۋەن دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشتەك داۋالاش ئەندىزىسى پەيدىنپەي شەكىللەندى، ئامما بۇنىڭدىن رازى بولدى.

  ناھىيەدىكى يېزا – بازارلىق شىپاخانىلار 2016 – يىلدىن بۇيان ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئامبۇلاتورىيەدە دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقتىن 296نى، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىدىغان ئاغرىقتىن 21نى يۆتكىدى، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى يېزا – بازارلىق شىپاخانىلارغا ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىدىغان ئاغرىقتىن 222نى يۆتكەپ، ‹‹يېنىك ئاغرىقلارنى ئاساسىي قاتلامدا داۋالاش، ئېغىر ئاغرىقلارنى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا داۋالاش، ئاساسىي قاتلامدا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش››تەك داۋالىنىش ئەندىزىسى پەيدىنپەي شەكىللەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى