تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

‹‹قوشنىلار ئەترىتى›› ئىناقلىقنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مېھرىئاي ئابدۇراخمان، لى خۇڭچياڭ خەۋەر قىلىدۇ: باغراش ناھىيەسىنىڭ چېكىننۇر يېزىسى خارنودېن نۇر كەنتىدە قوشنىلاردىن تەركىب تاپقان شۇنداق بىر ‹‹ئەترەت›› بار. بۇ ‹‹ئەترەت››دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئېتىز بېشىغا بېرىپ قوشنىلارنىڭ ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئىناقلىقنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

  يېقىندا بۇ كەنتتىكى مېڭ چىڭشىننىڭ قۇرۇتۇش مەيدانىدا ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى، قوشنىلىرىدىن بولۇپ ئون نەچچە ئادەم قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچنى تاغارلارغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، مېڭ چىڭشىن مۇنداق دېدى: توختاملاشقان سودىگەرلەرگە قىزىلمۇچنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتسام، ‹‹قوشنىلار ئەترىتى›› كېلىپ ماڭا ياردەملىشىپ، يېرىم كۈندىلا قىزىلمۇچلىرىمنىڭ يېرىمىنى تاغارغا قاچىلاپ بولدى، ئەگەر خوتۇنۇم بىلەن ئۆزۈم قىلسام بۇ ئىشنى ئۈچ – تۆت كۈندە ئاران تۈگىتەتتىم، ئادەم ئىشلەتسەم 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى بېرىشكە توغرا كېلەتتى. ‹‹قوشنىلار ئەترىتى››نىڭ ماڭا ياردەملەشكىنىدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم.

  ‹‹قوشنىلار ئەترىتى››دىكىلەر مۇنداق دېدى: بۈگۈن مېڭ چىڭشىننىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ، ئەتە يەنە بىر قوشنىمىز خۇاڭ گۇلۇنىڭ قىزىلمۇچ يىغىشىغا ياردەملىشىمىز.

  دېھقان خۇاڭ گۇلۇ مۇنداق دېدى: ‹‹قوشنىلار ئەترىتى››دىكىلەر ناھايىتى ئىناق ئۆتىمىز، قايسىمىزنىڭ ئىشى بولسا تەڭ قىلىمىز، ئەمگىكىمىزگە دوستلۇق مېھرىمىز سىڭگەچكە، ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىشلەيمىز، ھەممىمىزنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى تۈگىگەندە سىرتقا بىللە چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپىمىز.

  بۈگۈنكى كۈندە ‹‹قوشنىلار ئەترىتى›› سېپىگە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرىمۇ قوشۇلۇپ، ئائىلىسىدە ئەمگەك كۈچى ئاز ئائىلىلەر، نامراتلار، ياشانغانلارنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى، چىقىمىنى تېجەپ، كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، ھەر مىللەت قوشنىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغان ياخشى كەيپىياتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق ‹‹ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ما لىن مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان كەنتتىكى ‹‹قوشنىلار ئەترىتى››كەنتىمىزگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، ‹‹قوشنا بولساڭ يۆلەك بول، بولمىسا بۆلەك بول››، ‹‹ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە›› دېگەن ماقال – تەمسىلنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئادەم ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىمىزنى ھەل قىلىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەمگەك جەريانىدا كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەر مىللەت قوشنىلار ئارا مېھىر – مۇھەببەتنى كۈچەيتىپ، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى