شىنخۇا تورى خەۋىرى: «ئامېرىكا تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»غا 13-نويابىر ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئانا سۈتى ئەمگەك بالىلاردا چوڭ بولغاندا ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلۈش خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن.
بېلارۇسىيەنىڭ بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش تۈرىدە، كەم دېگەندە ئۈچ ئاي ئانا سۈتى ئەمگەك بوۋاقلاردا 16يېشىدا ھۆل تەمرەتكە كۆرۈلۈش خەۋپى %54 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما، تەتقىقاتچىلار ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغاندا زىققا كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات تاپالمىغان.
تەتقىقاتقا مەسئۇل ئالاقىدار كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بوۋاقلارنى ئالتە ئايغىچە ئەمدۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، بۇ تەتقىقات ئارقىلىق ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى يەنىمۇ ئىسپاتلانغان.
ھۆل تەمرەتكە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل تېرە كېسەللىكى بولۇپ، تېرىگە قىزىل داغ چىقىش، تېرە قىچىشىش، يېرىلىش، ھەتتا سېسىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، بىر قىسىم بالىلاردا قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن يەنە قايتا قوزغىلىدۇ.