تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   جاھان يېڭىلىقلىرى

نىيويورك چوڭ شەھەر مۇزېيىدا مىكېلانگىلو سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 13-نويابىر، ئامېرىكا نيۇيورك چوڭ شەھەر مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىكېلانگىلو سەنئەت كۆرگەزمىسىدە، مىكېلانگىلونىڭ ئىككى ھەيكەل ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى . شۇ كۈنى، «مىكېلانگىلو —كۆزگە كۆرۈنگەن لايىھىلىگۈچى ۋە سەنئەتكار» ئالاھىدە كۆرگەزمىسى نيۇيورك چوڭ شەھەر مۇزېيىدا ئاممىغا رەسىمىي ئېچىۋىتىلدى. كۆرگەزمىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەت ۋە شەخىس يېغىپ ساقلىغان 133پارچە مىكېلانگىلونىڭ رەسىم ئەسەرلىرى، مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئۈچ ھەيكەل قاتارلىق ئەسەرلەر تاللانغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىدە مىكېلانگىلونىڭ ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، بىنا –سەنئەتكارلىق جەھەتتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى نامايان قىلىندى. بۇ كۆرگەزمە 2018-يىل 12-فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى