تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنى سۆيۈندۈردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلنۇر ئابدۇكېرىم خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، بېرىلىپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەرلەرنى ھۆددە ئېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش، دېھقانلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بۇ ناھىيەنىڭ كالا فېرمىسى بابىنكۆرە ئەترىتىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنى سۆيۈندۇردى.

دېھقان ۋاڭ شيۇفېڭ مۇنداق دېدى: بۇغداي ۋە ئاپتاپپەرەس تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا خېلى يىللار بولدى. بۇلتۇر 200 مو يەرگە ئاپتاپپەرەس تېرىپ، 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. يەر ھۆددە مۇددىتىنىڭ يەنە 30 يىل ئۇزارتىلغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم. بۇ يىل يەنە يەر ھۆددە ئېلىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىمنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بالدۇرراق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

دېھقان ئىلشات ئابىرغايىر مۇنداق دېدى: پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتى كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولماقتا. يوللىرىمىز راۋانلاشتى، يېڭى ئۆي سالساق تولۇقلىمىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلتاي روھىدىن ئىلھاملىنىپ، تېرىقچىلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرىمىز.

بۇ ناھىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق مەيدانىدا 4000 مو يەردىكى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ يىل ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق مەيدانى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە دېھقانلار بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق تېرىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.

دېھقان چىن گوچىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتى بىزنى خاتىرجەم قىلدى، ئۆزىمىز تېرىۋاتقان يەرلەرنى داۋاملىق ھۆددە ئېلىپ تېرىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا تىرىشىمىز.

دېھقان تاشمەمەت تۇرسۇن مۇنداق دېدى: ھازىر تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى. پارتىيەنىڭ ئەۋزەل سىياسىتىدىن دېھقانلار كۆپ نەپكە ئېرىشىۋاتىمىز، بۇ خىل ئەۋزەل سىياسەت تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 71گە قارشى 84نومۇر بىلەن سىچۈەن كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردى
  • ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات ئۆمىكى كۇچادا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى
  • ئۈرۈمچىدىن تاشكەنتكە بىۋاستە قاتنايدىغان تۇنجى يۈك پويىزى يولغا چىقتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى