نۇرغۇن ئادەم مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشقا باشلىغاندا ھەر كۈنى قاتتىق مەشىق قىلىدۇ، بىراق بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك چېنىقىش، چۈنكى كۈندە مۇسكۇلنى قاتتىق چېنىقتۇرۇش مۇسكۇلنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى، ھەتتا زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشنى باشلىغانلار بىر قېتىم قاتتىق مەشىق قىلغاندىن كېيىن، 24 سائەتتىن 48 سائەتكىچە دەم ئېلىپ، ئاندىن كېيىنكى قېتىملىق قاتتىق مەشىقنى باشلىسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇسۇل ئارقىلىقلا مۇسكۇلنىڭ كېيىنكى قېتىمقى قاتتىق مەشىقنى قوبۇل قىلالىغۇدەك ھالەتكە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئاغرىقنى سەزمىگۈدەك ھالغا قايتقاندىن كېيىن قايتا مەشىق قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى مۇسكۇل يېنىك ئاغرىپ تۇرمىسا، قايسى مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ».